UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتچالا تۇڭچى

چالا تۇڭچى

رېۋايەتلەر بەدۆلەت (ياقۇپبەگ) 1878 - يىلى مەنچىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قاچقان ئەسكەرلىرى ئوپالغا بېرىپ «ئىماملىرىم» دېگەن مازارغا چۈشۈپتۇ. ئارقىسىدىن قوغلاپ چىققان ياڭ تۇڭ باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ ئەسكەرلىرى ئوپالغا بېرىپ بىر دېھقاننى ئۇچرىتىپ «ئوغرىلار نەگە چۈشتى؟» دەپتىكەن، ئۇ دېھقان «ئىماملىرىمغا چۈشتى» دەپتۇ. تۇڭچىسى «ئىماملارنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ» دەپ تەرجىمە قىپتۇ. يۇرت ئاقساقاللىرى بەگ، يۈزبېشىلارنى يىغىپ «ئوپالدىكى داڭلىق ئىماملارنى يىغ» دەپ بۇيرۇق قىلىپ ئۆز ئەسكەرلىرىنى بىللە قوشۇپتۇ. ئىماملىرىمغا چۈشكەن بەدۆلەت ئەسكەرلىرى خەۋەر تېپىپ تاغقا قېچىپ كېتىپتۇ. لېكىن، ئوپالدىكى قىرىق بىر ئىمامنى يىغىپ كەپتۇ. ئوپلانىڭ قۇمباغ كەنتىگە چىققان چېرىك بىلەن بىللە ماڭغان دوغا توختى موللام بوتۇلاق دېگەن كىشىنى كۆرسىتىپ: «مۇشۇمۇ ئىمام» دەپتۇ. ئۇ چېرىك موللا توختى بوتۇلاق موللامنى باغلاي دېگەندە كېلىشتۈرۈپ بىر ئۇرۇپتىكەن، تىك چۈشۈپتۇ. ئۇ چېرىك ئورنىدىن تۇرۇپ موللامنىڭ قارنىنى قىلىچ بىلەن يېرىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنى قىرىق ئىمامنى كۆكچى ئارالدىكى ئوبۇلكا چوڭنىڭ قورۇقىدىكى بېدىلىككە يىغىپ قاتار ئولتۇرغۇزۇپ: «ئوغرى سېنىڭ ئۆيۈڭدىمۇ؟» دەپتىكەن. باشتا ئولتۇرغاندىن بىرى: «ياق، بۇ نېمە دېگەن؟» دەپتۇ. بۇنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇز سەككىز ئىمامنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. ئىمامدىن ئىككىسى قالغاندا، ئۆمەر دامولامنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇتاھىر ئاخۇنۇم ئەينى ۋاقىتتا ئوپالدا بار بولغان گۆرۈكەش، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خەنزۇ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ: «توختا، سەن دېگەن ئوغرى ئىماملىرىم دېگەن مازارغا چۈشۈپتىكەن. سېنىڭ تۇڭچاڭ ئىماملارنىڭكىگە چۈشۈپتۇ دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. بىگۇناھ ئىماملارنى چېچىپ تاشلىساڭ قانداق بولىدۇ؟ ساڭا پۇقرا لازىممۇ، يوق؟» دەپتۇ. ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇققان ياڭ تۇڭ نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، خەلق توپى غەزەپلىنىپ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىشكە باشلاپتۇ. قورققان ياڭ تۇڭ تىلماچنىڭ تىلىنى كېسىپ ئۆلتۈرۈۋېلىپتۇ. ئابدۇتاھىر ئاخۇنۇمنى يول باشلاپ بەرگىن دەپ مۇشتقا ئۆتۈپ مۇشتا ئېتىۋېتىپتۇ. بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر دەپ يۈرۈپ بۇ رېۋايەت ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
چالا تۇڭچى | UyghurWiki | UyghurWiki