دەمدەر ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن مەككىگە قايتىشىدا، بىر تۈمەن كۇپپارنىڭ زەربىسىگە ئۇپراپتۇ. كۇپپارلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تىرىك تۇتۇش كويىغا چۈشۈپ قورشىۋاپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۇپپارلارنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپ ئۆزىنى پاناھقا ئاپتۇ. كۇپپارلار تاغنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇشۇرۇنغان ھېلىقى ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ تاغدا كەپتەرلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. كۇپپارلار ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىشىغا تاغدىكى كەپتەرلەر: «مالتىلىغۇلۇق»، «مالتىلىغۇلۇق»دەپ ئۈنلىگىلى تۇرۇپتۇ. كۇپپارلاردىن بىرى:
_ مۇھەممەد چوقۇم مۇشۇ ئۆڭكۈردە ئىكەن، كەپتەرلەر «مالتىلىغۇلۇق»، «مالتىلىغۇلۇق» دەپ بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، دەپتىكەن، كۇپپارلار ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇشقا تەمشىلىپتۇ.
دەل شۇ چاغدا كەپتەرلەر ئارىسىدىكى دەمدەر: «بوق، بوق، بوق»، «يوق، يوق، يوق»دەپ ئۈنلەشكە باشلاپتۇ. كۇپپارلار بۇنى ئاڭلاپ:
_ بىكار ئاۋارە بولمايلى، ئاۋۇ دەمدەر «يوق، يوق»دەپ سايراۋاتىدۇ. مۇھەممەد ئۆڭكۈردە يوق ئىكەن، - دېيىشىپ ئۆڭكۈرگە كىرمەي باشقا جايغا يۈرۈپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۇپپارلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىدە دەمدەرنى ئۇلۇغلايدىغان ئادەت شەكىللەنگەنىكەن.