تۇيۇق
رېۋايەتلەر
«تويۇق» نامى توغرىسىدا رېۋايەتلەر ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپنچىسى دەقيانۇس زامانى بىلەن «ئەسھابۇلكەھف» توغرىسىدىكى رېۋايەتلەرگە باغلىنىدۇ.
قەدىمدە، تۇرپاندا ياشىغۇچى ئاۋام خەلقلەردىن ئۆز دىنىدىن گۇمانلانغۇچى يەملەيخا، ماكسىلمىنا، ئازارپەتيۇنۇس، كاشاپەت يۇنۇس، يۇۋايۇنۇس، قاتارلىق ئىخلاسمەن مۇخلىسلار ھەقىقىي تەڭرىنى ئىزدەپ تېپىش كويىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار بۇرۇن قۇياش، ئاي، ئوت قاتارلىقلارغا چوقۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، ھېچ قانائەت ھاسىل قىلالماي، پۈتۈن دۇنيانى ئىدارە قىلىۋاتقان قانداقتۇر بىر قۇدرەتلىك تەڭرى بار ،ئۇ پۈتكۈل كائىناتنى ،مەخلۇقاتنى ياراتقان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، دەپ قىياس قىلىدىكەن. ئۇلار ھەقىقىي تەڭرىنى ئىزدەش يولىدا خېلى جايلارنى كېزىپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىر دەقيانۇس شەھرىگە كەپتۇ. پادىشاھىنىڭ ئىسىمىمۇ دەقيانۇس ئىكەن. پادىشاھ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ. ئۇلار شەھەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى ئۇلارنى ئالدىغا چاقىرىپ :
_ ھەي جاھانكەشتىلەر، سىلەر نېمە مەقسەت بىلەن بۇ يۇرتقا كەلدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇلار:
_ بىز ھەقىقىي خۇدانى ئىزدىگۈچىلەرمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
_ ھەقىقىي خۇدا مەن بولىمەن، -دپتۇ دەقيانۇس ھېچ تارتىنماستىنلا، - ئىشەنمىسەڭلار مانا بۇ جەننەت ۋە دوزاخ، - دەپ سۈنئىي ئورۇنلارنى، مەخسۇس ياساتقان چاھار باغلارنى، تېگىدە گۈلخانلار يېنىپ تۇرغان زىندان ۋە ئوتتەك قىزىپ تۇرغان قۇملۇق جازا مەيدانلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار ئامالسىز، يالغاندىن ئۇنىڭ خۇدالىقىغا ئىشىنىپتۇ. دەقيانۇس خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدا بىر قانچە ۋاقىت تۇرۇشقا ئىجازەت بېرىپتۇ.
دەقيانۇس قىمارئويناشقا بەك ھېرىسمەن بولۇپ، كۈندۈزى ئۆزىنىڭ خۇدالىقىنى تەشۋىق قىلسا، كېچىسى قىمار ئوينايدىكەن. ئۇنىڭ مەخسۇس كۆندۈرۈلگەن ،بېشىدا چىراغ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان مۈشۈكى بولۇپ، قىمار ئوينىغاندا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بېشىدا چىراغ كۆتۈرۈپ جىم تۇرىدىكەن. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشىلەر ، بىر تەرەپتىن ھەيران بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خۇدالىقىدىن گۇمانلىنىپتۇ. راست - يالغاننى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلار چاشقاننى تىرىك تۇتۇپ، قىمار سورۇنىغا يۇشۇرۇن ئېلىپ كىرىپ، قىمار راسا ئەۋجىگە چىققاندا دەقيانۇسقا تۇيدۇرماي، چاشقاننى مۈشۈككە كۆرسىتىپ قويۇپ بېرىپتۇ. مۈشۈك خۇدىنى يۇقىتىپ چاشقانغا بىر ئېتىلغانىكەن، بېشىدىكى چىراغ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ. سورۇن پاتپاراقچىلىققا تولۇپتۇ. پادىشاھنىڭ خۇدالىقى چېنىپ قاپتۇ. پادىشاھ دەقيانۇس ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىپ ئىنتايىن غەزەبلىنىپتۇ. ئۇ بۇ مۇخلىسلارنى تېز كۆزدىن يۇقاتمىسا، ئۆزىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى «خۇدا» لىق ئابرۇيىغا قاتتىق تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بوپتۇ. بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن سېزىۋالغان يېگىتلەر شۇ كېچىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىپتۇ. دەقيانۇس دەرغەزەبكە كېلىپ چاپارمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. يىگىتلەر بىر قويچىغا يولۇقۇپتۇ. قويچى ئۇلارنى ئۆزى دائىم دەم ئالىدىغان بىر ئېغىزى بار ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپتۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دەل ھازىرقى تويۇققا كەلگەن ۋاقتى ئىكەن. دەقيانۇسنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇلارنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆڭكۈر ئېغىزىنى سىرلىق يەر، تۇيۇق يەر دەپ تونۇپ، «تۇيۇق »دەپ ئاتىشىپتۇ.