ئات ئاتقان
رېۋايەتلەر
بىر زامانلاردا كېرىيىدە موللا ئاقمەت پالۋان دېگەن كىشى ئۆتكەنىكەن. بۇ كىشى ئوۋچىلىق ۋە تۆمۈر - تەستەك يىغىش مەقسىتىدە ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ، يۇرتتىن چىقىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ تاغ ئارىلاپ سەپەرگە چىقىپتۇ. ماڭا - ماڭا ھازىرقى ئالتۇنتاغ تەۋەسىگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ ئەتراپتا ئادەم يوق بولغاچ، ئۇنىڭ ئۇزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ، «قۇزۇق قاقتى»دېگەن جايدىن قۇلان ئېتىپ يەپتۇ. ئاشقان گۆشنى ئوغلى خورجۇنغا قاچىلىغانىكەن، موللا ئاقمەت پالۋان «يول ئۈستىدە ئات - ئېشەكلەرگە يۈك بولىدۇ» دەپ ئالغىلى قويماپتۇ. شۇنداق مېڭىپ ئۇلار بىر ئېقىن بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. موللا ئاقمەت ئوغلىغا ئات - ئېشەكلەردىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئوۋ قىلىش ئۈچۈن ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە مېڭىپتۇ. ئەپسۇسكى بىر كېچە - كۈندۈز ئىچىدە موللا ئاقمەت پالۋانغا قۇلان تۈگۈل بىرەر كېيىك ياكى ئۇلارمۇ يولۇقماپتۇ. ئاچ قورساق ھالدا ئوغلى قېشىغا قايتىپ كېلىپ ھالسىزلىنىپ يېتىپتۇ. ئۇلارنى ئاچلىق خېلى قىيناپتۇ.ئاخىر مۇشۇنداق يېتىۋەرسە جېنىنى ئەزرائىلغا بەرمەكتىن ئۆزگە چارە يوقلۇقىغا كۆزى يەتكەن موللا ئاقمەت پالۋان ئوغلىغا:
_ بالام ، ئوقيايىڭنى ئېلىپ ئايلىنىپ كەلگىن، بىرەر كېيىك بولسىمۇ ئۇچراپ قالار، ئامال قىلغىن، بولمىسا تۈگىشىپ كېتىمىز، - دەپتۇ.
_ كېيىك ئۇچىرىماي قالسا قانداق قىلىمەن؟
_ قۇلان بولسا تېخى ياخشى.
_ قۇلاننىڭغۇ گۆشىنى يېگەن، تېرىسىنى ئۆتكەندە ماڭا كۆرسەتمىدىڭىز، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق بولىدۇ؟
_ رەڭگىمۇ، ھە . . . . ىە، بىزنىڭ ئاۋۇ قۇلا ئاتقا ئوخشايدۇ، پەقەت بوي تۇرقىدىلا ئاز - تولا پەرق بار.
موللا ئاقمەت پالۋاننىڭ ئوغلى ھايال ئۆتمەستىن بىر سان گۆشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ كاۋاپ قىلىپ دادىسىغا يىگۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. ھەرھالدا پالۋان ئۈچ كۈندىن كېيىن ماغدۇرىغا كېلىپ ئوۋچىلىق قىلالىغۇدەك بوپتۇ. ئۆزى ئوۋغا چىقىپتۇ. چۈنكى ئوغلى ئاتقان «قۇلان»نىڭ لوق گۆشلىرى تۈگىگەنىكەن. موللا ئاقمەت كېتىۋېتىپ قارىسا قۇلا ئاتنىڭ تېرىسى تۇرغۇدەك توققۇز ئېشەكنىڭ ئالتىسىنى بىر بۆرە تالاپ ئۆلتۈرۈپ يەپ كېتىپتۇ. ئەمدى پەقەت بىر ئات بىلەن ئۈچ ئېشەكلا قالغانىكەن. پالۋان خېلى بىسەرەمجان بوپتۇ. بۈگۈنمۇ ئوۋلىغۇدەك بىرەر نەرسە ئۇچرىماپتۇ. پالۋان ئاچچىقىدا جەدە ئاتنىمۇ ئېتىۋېتىپ، بىرسان گۆشنى ئوغلىغا بېرىپ كاۋاپ قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. قورساق تويۇپ ياتقان بولىسىمۇ غەم بېسىپ، زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ. ئاخىر «قۇلا ئاتنى ئوغلۇم ئېتىپتۇ، جاننى قۇتقۇزدى، جەدە ئاتنى ئۆزۈم ئاتتىم جانغا ئەسقاتتى، ئېگەر، يۈگەن، مۆلىلەر ئەمدى كىملەرگە كىرەك؟ دەرھال قايتىش كېرەك» دەپتۇ ئۆز - ئۆزىگە.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ جاي ھازىرغىچە «ئات ئاتقان » دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
موللا ئاقمەت پالۋان مىڭ مۇشەققەتتە قۇرۇق قول، يېرىم جان ھالەتتە يۇرتى - كېرىيىگە كەپتۇ. يۇرت ئەھلى بۇ ھۆرمەتلىك كىشىنىڭ قانچلىق بايلىق بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىپتۇ. كۆرۈپلا ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ. موللا ئاقمەت پالىۋانمۇ راست گەپ قىپتۇ:
موللا ئاقمەت دەڭلار مېنى،
ئەمدى مەن پالۋان ئەمەس.
ئاقمەت دېسەڭلارمۇ مەيلى،
مېنى تازا باستى نەس.
ئاتمۇ يوق، ئېشەكمۇ يوق،
دۇنيا دەپ مەن يېدىم پوق.
موللاسىمۇ قۇرۇسۇن،
دەسمايىمۇ سالما بەس.
موللالىقمۇ قىلمايمەن.
پالۋانلىقنى تاشلايمەن.
ھالال ياشاپ ئۆتىمەن،
كۈنۈم ئۆتسىمۇ بەك تەس.