ئوغۇزخان ۋە كۆلتېگىن
رېۋايەتلەر
توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھى ئۆزىنى ئوغۇزخان دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ قوۋمى ئىچىدە كۆلتېگىن دېگەن داڭدار بىر شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ئەركىنلەر ئۇرۇقىدىن ئىكەن. كۆلتېگىننىڭ ئانا بۆلەك چوڭ ئاكىسى قاغان ئىكەن. ئاكىسى كۆلتېگىننى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بوپتۇ ۋە چالا بوغۇزلاپ تاغقا تاشلىۋېتىپتۇ، كۆلتېگىننىڭ ئىنىكئانىسى ئۇنى مانى دىنى ئۆلىماسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىپتۇ. ئۇ تەدرىجىي ياخشى بولۇپ، ئاخىر ساقىيىپتۇ، كېيىن كۆلتېگىن ئوغۇزخاننىڭ پايتەختى ئازالغا كېلىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوغۇزخانغا ئادەم ئەۋەتىپ قويۇپ خۇشامەت قىلىپ، خاننى خۇرسەن قىپتۇ. ئوغۇزخان ئاخىر ئۆز نىيىتىدىن يېنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەيدىغان بوپتۇ، ئەمما ئۇنى ئوردىغا كىرگۈزمەي، بەش شەھەر (پەنجىكەنت) كە نايىپ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. ئۇ يەردە يەلىك خەلقتىن دوست تۇتۇپ، دائىم ئۇلارغا خەير - ساخاۋەت كۆرسىتىپ، تەدرىجىي كۈچ توپلاپ، پۇرسەت كۈتۈپتۇ، شۇ كۈنلەردە قاغننىڭ ئوۋغا چىقماقچى بولغانلىقىدىن كۈتۈپتۇ، شۇ كۈنلەردە قاغاننىڭ ئوۋغا چىقماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ - دە، نۇرغۇن ئەسكەر باشلاپ بېرىپ قاغانغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىپتۇ. كۆلتېگىن شەھەرنى سۇ قويۇپ بېرىپ غەرق قىلىۋېتىشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ. كۆلتېگىن ئەل بولغانلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ. ئاچلىقتىن ھالى كەتكەن شەھەر خەلقى چىقىپ ئەل بوپتۇ. كۆلتېگىن ھەممىسىنى كەچۈرۈپ قىپتۇ. توققۇز ئوغۇز خانى چىقماپتۇ. كۆلتېگىن ئۇنى تۇتۇپ دارغا ئېسىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆلتېگىن قاغانلىق تەختكە ئولتۇرۇپتۇ. ئىراندىن كۆلتېگىننىڭ يېرىگە بارغۇچە ئاسۇق، كۇچادىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئازالغا بارغىلى بولىدۇ. ئازالدىن شەرققە يۈرگەندە چىنلىقلار شەھىرىگە بارىدۇ. چىنلىقلار شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يىگىرمىدىن ئارتۇق كىچىك شەھەر بار.