UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتەلۋىچۈك دەرياسى

تەلۋىچۈك دەرياسى

رېۋايەتلەر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ پاختەكلى يېزىسى بىلەن ئوغۇساق يېزىسىنى ئايرىپ ئاقىدىغان دەريا - تەلۋىچۈك دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريانىڭ «تەلۋىچۈك » دەپ ئاتىلىشىدا مۇنداق بىر رېۋايەت بار: موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىپتۇ. شۇ چاغدا، قەشقەرنى ساقلاۋاتقان پالۋانلاردىن تۆت يۈز پالۋان شەھەردىن چېكىنىپ، ئوغۇساق يېزىسىدىكى دۆڭگە ( ھازىرقى ئوغۇساق يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئەتراپىدا) خەندەك ياساپ ئستىھكام قۇرۇپتۇ. تاجاۋۇزچى قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ دەريادا توسۇلۇپ قاپتۇ. ئىككى قوشۇن دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۇرۇپ راسا جەڭ قىپتۇ. ھەر ئىككىلىسى چېكىنمەپتۇ. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە تاجاۋۇزچى قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ دەريادا توسۇلۇپ قاپتۇ. ئىككى قوشۇن دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۇرۇپ راسا جەڭ قىپتۇ. ھەر ئىككىسى چىكىنمەپتۇ. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە تاجاۋۇزچى قوشۇنغا غەزەب - نەپرىتى تولۇپ تاشقان تۆت يۈز تۆت پالۋان دەريادىن ئۆتۈپ تىغمۇ تىغ جەڭ قىلىش سۇغا سەكرەپ قارشى قىرغاققا ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پالۋانلارنىڭ سەردارى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ: «سۇغا چۆكۈۋېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. قىساس ئوتى قەلبىدە يانغان پالۋانلار سۇغا چۆكمەي بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ ئۆتىۋېرىپتۇ. ئۆز باتۇرلىرىنىڭ ھاياتىنى كۆزدە تۇتقان سەردار: _ ھەي، تەلۋى (قارام، كۈچلۈك دېگەن مەنىدە) چۆك! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. پالۋانلار سۇغا چۆكۈپ، قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە شۇ قېتىمقى جەڭنىڭ غەلبىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ دەريانىڭ ئىسمىنى «تەلۋىچۈك» دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
تەلۋىچۈك دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki