UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمانى كەنتى

مانى كەنتى

رېۋايەتلەر ھازىرقى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق توققۇزاق بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپى« يۇقىرىقىق مەنگەن»، شەرقى جەنۇب تەرىپى «ھاسا تام» دەپ ئاتىلىدۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن قەشقەرگە كېڭەيتىشتىن ئىلگىرى «مانى كەنتى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەر بولغانىكەن. بۇ شەھەرنى ئوراپ تۇرغان سېپىل «ھېسارتام» (كېيىنچە ھاسا تام) دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ قاتار ئېچىلغان بەش دەرۋازىسى بولۇپ، قاپ ئوتتۇرىسىدىكى دەرۋازدىن پادىشاھ كىرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئىسىمى «ئاقباشخان» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىككى ياندىكى ئارا دەرۋازىدىن ۋەزىر - ۋۇزۇرالار ۋە باشقا ئوردا خادىملىرى كىرىدىكەن. ئەڭ چەتتىكى كىچىك دەرۋازىدىن پۇقرالار كىرىپ چىقىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھ پۇقرالىرى مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىكەن. مانى دىنى بۇ شەھەردە ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى تولۇق ئىجرا قىلىنىدىكەن. ھەر قېتىملىق دىنىي مۇراسىملاردا كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدىكەن؛ بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن، باشقا دىنلارنى زادى قوبۇل قىلمايدىكەن. شۇڭا، بۇ شەھەرنى ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان مانى دىنى بىلەن باغلاپ «مانى كەنتى» دەپ ئاتايدىكەن. سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز دائىرىسىدىكى شەھەر، ئايماق - يېزىلارنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلاپتۇ. بەزىلىرى قوبۇل قىپتۇ، بەزىلىرى قوبۇل قىلماپتۇ. مانى كەنتى پۇقرالىرى ئۆز دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن سۇتۇق بۇغراخان لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ. جەڭ شۇنداق بوپتۇكى، ھېچكىم ھېچكىمدىن يانماپتۇ. بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان جەڭدە تولۇق قۇراللغان سۇتۇن بۇغراخان لەشكەرلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قىرىپ تاشلاپتۇ. ئۆلگەنلەر ئۆلۈپتۇ، تىرىك قالغانلار ئەتراپتىكى يېزا - قىشلاقلارغا قېچىپ كېتىپتۇ. شەھەرنى ئالغان سۇتۇق بۇغراخان لەشكەرلىرى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىپ، شەھەر سېپىلىنى بۇزۇپ تاشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۆرۈلمەي قېپقالغان قىسمى - «ھاساتام» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خارابىگە ئايلىنىپتۇ. ئازادلىقتىن كېيىن مەنگەن كەنتى تەۋەسىدىكى دېھقانلار ھاساتام خارابىلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن يەر ئاچقاندا بۇ يەردىن ساپال قاچا، كۈپ، مىس پۇل، ئۆي سايمانلىرى چىققان. سۇ قۇيسا سۇ يەر ئاستىدىكى ئۆڭكۈر، گۆرلەرگە كىرىپ كېتىپ، دەسسىگەن ئادەملەر ئۆڭكۈرلەرگە چۆكۈپ كەتكەنىكەن. دېمەك، مانى كەنتى(مەنگەن) قەدىمكى زاماندا مانى دىنى ئەۋج ئالغان بىر شەھەر بولۇپ، ھېسار تام ئۇنىڭ سېپىلى ئىكەن. كېيىنچە «مانى كەنتى» مەنگەنگە، «ھىسار تام» ھاسا تامغا ئۆزگىرىپ كەتكەنىكەن. 1955 - يىلى كونىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى توققۇزاق بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، «مەنگەن كەنتى» «توققۇزاق»دەپ ئاتىلىپ بۇ كىچىك بازار گۈللەنگەن، ئاۋات شەھەرگە ئايلىنىپ، پۈتۈن ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
مانى كەنتى | UyghurWiki | UyghurWiki