UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتھاي - ھاي تېرەك

ھاي - ھاي تېرەك

رېۋايەتلەر مەھمۇد قەشقەرى مەدرىسىنى تۈگىتىپ ئۇستازىدىن دۇئا ئالغاندا سوراپتۇ: _ ئۇستازىم،مېنىڭ تۇپرىقىم قەيەردە بولۇر؟ ئۇستازى: _ ساڭا ھەمراھ بولغان ھاساڭ كۆكلىگەن جايدا بولۇر، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يېشى ئۇلغايغانسېرى سالامەتلىكى ياخشى بولماي قاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى مەھمۇد قەشقەرى ھاسسىغا تايىنىپ تۇرۇپ تەرەت ئېلىش ئۈچۈن نۇرۇز بۇلاقتىن سۇ ئالغانىكەن، ھاسىسى بۇلاق بويىغا سانجىلىپ قاپتۇ. ھاسىسى سانجىلىپ قالغان جايدا قويۇپ ئىۋرىقنى ئېلىپ تەرەت ئاپتۇ. ئۇ تەرەتنى ئېلىپ بولۇپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ھاسا كۆكلەپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەھمۇد قەشقەرى:«ھاي - ھاي ئەجەپ كۆڭلەپ كېتىپسەنغۇ»دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكىلەر ھاسىدىن كۆكلەپ چىققان بۇ تېرەكنى «ھاي - ھاي تېرەك »دەيدىغان بوپتۇ. مەھمۇد قەشقەرى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ۋە تالىپ، ئۇرۇق -تۇغقان ، دوست - يارەنلىرى ئۇنى ئۆز ۋەسىيىتىگە مۇۋاپىق ھاي - ھاي تېرەكنىڭ چوڭ شېخى كۆرسىتىپ تۇرغان دۆڭگە دەپنە قىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ھاي - ھاي تېرەك | UyghurWiki | UyghurWiki