يانلا
رېۋايەتلەر
كىرورەن شەھىرى قۇم ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامان قالغان كىشىلەر لوپنۇر ئەتراپىغا كۆچۈپ، كۆلنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنى «يانلا» ، «يان، يانلىقلار» (يان تەرەپتىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقۇچىلار) دەپ ئاتاشقان. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ ئۇرۇق ئەنە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلادى كۆيۈك، ئىككىنچى ئەۋلادى چاگار، ئۈچىنچى ئەۋلادى بەردى، تۆتىنچى ئەۋلادى قەزى، بەشىنچى ئەۋلادى يانلا . . . ئىمىش.