UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتجۇغۇلداق ھەققىدە رېۋايەت

جۇغۇلداق ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر جۇغۇلداق (بىر خىل قۇش، چۇغۇلداق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەسلىدە داڭلىق تېۋىپ بولۇپ، ئىسمى جاپپار ئىكەن. ئۇ ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى ئوت - گىياھ، ئۇچار قۇشلاردىن دورا ياساپ، كىشىلەرنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ناھايىتى شۆھرەت قازىنىپتۇ. ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئېلى شاھىمەردان ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېسەل ياتقان قىزىنى كۆرسىتىش نىيىتىدە، جاپپارنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ئادەم ئەھۋالنى جاپپارغا مەلۇم قىپتۇ، جاپپار بولسا ئۆزىنى تولىمۇ چوڭ تۇتۇپ: _ قىزىنى كۆرسەتمەكچى بولسا، نېمىشقا ھەزرىتى ئېلىنىڭ ئالدىمغا كەلمەيدۇ؟ - دەپ قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ. ھەزرىتى ئېلى شاھىمەردان بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەبلىنىپتۇ. بىراق، قىزى ئۈچۈن ئامالسىز ئۆزى جاپپارنى چاقىرىشقا بېرىپتۇ. جاپپار ھەزرىتى ئېلىنى كۆرگەندىن كېيىن گېدىيىپ تۇرۇپ: _ قىزىڭنى داۋالاش ئاسان، بىر جۈپ قارچىغاڭنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى قىزىڭغا يىگۈزسەڭ ساقىيىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. ھەزرىتى ئېلى بۇ بىر جۈپ قارچىغىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. قىزىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بۇ بىر جۈپ قارچىغىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى قىزىغا يېگۈزۈپتۇ، قىزى ساقىيىپتۇ. ئەمما، ھەزرىتى ئېلى قاچىغىسىنىڭ دەردىدە گېلىدىن ئۆتمەس بولۇپ قاپتۇ. جاپپار بولسا كۈندە ھەزرىتى ئېلىنى مەسخىرە - مازاق قىلىپ چىشىغا تېگىپتۇ، ھەتتا تېخىمۇ كۆرەڭلەپ ئۆزىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى ھەزرىتى ئېلى شاھىمەردان خورلۇققا پايلىماي جاينامازدا ئولتۇرۇپ خۇداغا ئىلتىجا قىلغانىكەن، خۇدادىن ۋەھىي كېلىپ جاپپار ئىسىملىك بۇ تېۋىپ جۇغۇلداققا ئايلىنىپ قاپتۇ. جۇغۇلداقنىڭ «جۇۋ - جۇۋ »دەپ سايرىغىنى «مەن خۇدادىن ئۇلۇغ»دېگىنى ئىمىش.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت