قوغۇن دېگەن نام قانداق كېلىپ چىققان؟
رېۋايەتلەر
بىر كۈنى، قوچۇغۇن ئىسىملىك بىر ئادەم زىرائەتلىرىنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ، ئېتىزلىقنىڭ چەت ياقىسىدا بىر خىل ئۆسۈملۈكنى ئۇچرىتىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بۇ ئۆسۈملۈك ھەر تەرەپكە پەلەك تاشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەلەكلىرىدە توخۇ تۇخۇمىدەك چوڭلۇقتا نۇرغۇن مېۋىلىراى تۇرغۇدەك. ئۇ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن بىر تالنى ئۈزۈپ تېتىپ كۆرۈپ ئۇنىڭدا ئالما تەمى بارلىقىنى سېزىپتۇ. قوچۇغۇن ئۇنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېلىپ، كېيىكى يىلى تېرىپ ئوغۇتلاپ، سۇغىرىپ، پەرۋىش قىلغانىكەن، ئۇنىڭ مېۋىسى پىيالىدەك يوغىناپتۇ. لېكىن، ياۋا ئۆسكىنىگە قارىغاندا خەمىكى ئازراق چۈشۈپتۇ، پىشقاندىن كېيىن يەپ باقسا تەمى قالتىس تاتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئېقىپ چۈشكەن شىرنىلىرىنىڭ قولغا يېپىشىپ تۇرغانلىقى بىلىنىپتۇ. قوچۇغۇن بۇ مېۋىنى يەپ كۆرگەنلەر ئۇنىڭ تاتلىقلىقىغا قايىل ۋە مەمنۇن بولۇپ قوچۇغۇنغا ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن ھېلىۋېلىپ كېيىنكى يىلى تېرىپ مېۋە ئاپتۇ، ھەممەكىشى بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشال بولۇشۇپتۇ.
لېكىن، قوچۇغۇن ئاقساقالنىڭ كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغىنى بۇ مېۋىنىڭ كىچىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، دانىسىنى يوغارتىش ھەمدە مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
شۇڭا ئۇ بىركۈنى مۇشۇ ئىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئويغا چۆمگەن ھالدائولتۇرغىنىدا بىر ئاقساقال كىشى كىرىپ قاپتۇ. قوچۇغۇن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇ كىشىگە سالام بېرىپتۇ ۋە ئۇ كىشىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىپ ئىززەت - ئىكراملار قىپتۇ. ئاندىن ھېلىقى مېۋىسى بىلەن مېھمان قىپتۇ.
ئۇ كىشى قۇچۇغۇن ئاقساقالنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولۇپ، بۇ مېۋىنىڭ ئورۇقىدىن يەتتە دانىنى ئايرىپ ئالدىغا قويۇپ، قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ: «مۇشۇ يەتتە دانە ئۇرۇق ساڭا ۋە سېنىڭ ئېلىڭگە بەرىكەت بولسۇن. بۇ يەتتە دانە ئۇرۇق ساڭا ۋە سېنىڭ ئېلىڭگە بەرىكەت بولسۇن. بۇ يەتتە دانە ئۇرۇقنىڭ بىرى ياشانغانلارغا، بىر ئۇتتۇرا ياشلىقلارغا، بىرى ياشلارغا، بىرى دانىشمەن - ئۆلىمالارغا، بىرى ئەمەلدار - بەگلەرگە، بىرى مەستۇرە - ئايىملارغا، بىرى سەبىي بالىلارغا خاس بولغاي. بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلاركى، نىيىتىڭلار ساپ ۋە خالىس بولسۇن، ئۆز ئارا ئىناق، ئوچۇق قول، مېھماندۇست بولغايسىلەر» دەپ ئۆيدىن چىقىپ غايىپ بوپتۇ.
قوچۇغۇن ئاقساقال بۇ يەتتە دانە ئۇرۇقنى ياخشى ساقلاپ قويۇپ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىقى ئايرىم جايغا تېرىماقچى بولۇپتۇ. لېكىن، ئۇ تويۇقسىز كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ھەرقانچە داۋالانسىمۇ بارغانچە ھالسىزلىنىپ ماجالى قالماپتۇ. ئۇ ئاخىر جامائەت باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ مويسىپىت كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشىنى ۋەسىيەت قىپتۇ ۋە كېسەلدىن شىپا تاپالماي تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. قۇمۇل خەلقى قۇچۇغۇن ئاقساقالنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ يىغلاپ قاقشاپتۇ.
قۇچۇغۇن ئاقساقالنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر شۇ چاغقىچە بۇ مېۋىنى نېمە دەپ ئاتىشىنى بىلەلمەپتۇ. جامائەت ئىچىدىن بىر قىسىملار چىقىپ بۇ مېۋىگە ئىسىم قويۇش تەكلىپنى بېرىپتۇ. كۆپچىلىك خۇشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئىسىم قويۇش ئۈچۈن مەسلىھەتكە چۈشۈپتۇ. ھەر كىم ئۆز ئويلىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مەسلىھەت ئۈچ كۈن داۋام قىلىپمۇ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ.4 - كۈنى جامائەت ئىچىدىن ياشانغان بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ: «بۇ مېۋە ئىلگىرى يوق ئىدى، بۇنى ئاقساقىلىمىز قۇچۇغۇن تېپىپ ئۆزلەشتۈرگەن، شۇڭا بۇ مېۋىنىڭ ئىسمىنى <قۇچۇغۇن>دەپ ئاتىساق، ئاقساقىلىمىزنىڭ نامى ئەۋلادلىرىمىزغا مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالسا، قانداق؟ »دەپتۇ.
بۇ پىكىر كۆپچىلىككە تولىمۇ ياققاچقا، بۇ مېۋىنىڭ ئىسمىنى «قۇچۇغۇن»دەپ قويۇشۇپتۇ. يىللار ۋە زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «قۇچۇغۇن»دېگەن ئىسىمدىكى «چ» ۋە «ۇ» تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قېلىپ « قوغۇن» دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ يەردىكى جامائەت قوچۇغۇن ئاقساقالنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مويسىپىت كىشى دۇئا قىلغان يەتتە دانە ئۇرۇقنى ئايرىم - ئايرىم تېرىغانىكەن، ئۇنىڭدىن دېگەندەك يەتتە خىل قوغۇن چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ بىرى، بىشەكرىشىن بولۇپ ئوتتۇرا ياشلىقلارغا، بىرى كۆكچى بولۇپ ياشلارغا، بىر شېكەرسۈيى(ناشېكەر) بولۇپ مەستۇرە - ئايىملارغا، بىرى چار قوغۇن بولۇپ ئەمەلدار - بەگلەرگە، بىرى پوستىپېياز بولۇپ دانىشمەن - ئۆلىمالارغا، بىرى چىلگە بولۇپ سەبىي بالىلارغا خاس ئىكەن.