UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقۇمات پاششىم مازىرى

قۇمات پاششىم مازىرى

رېۋايەتلەر قۇمات پاششىم قارىقاش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئوتتۇركىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ يەرنى «كەپتەرلىك مازار» دەپمۇ ئاتايدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرۇن بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋا كەپتەرلەر بولۇپ، دائىم كىشىلەرگە يول باشلايدىكەن. كەپتەرلەر مازارلىقتىن ئۇچقانچە يولۇچىلارغا يول باشلاپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى زاۋا بوستانلىقغا ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر بۇ كەپتەرلەرنى خاسىيەتلىك كەپتەرلەر دەپ قارىلىپ كەلگەنىكەن. ھازىر بۇ كەپتەرخانا قۇملۇق ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە قۇمات پاششىم (كەپتەرخانا) ھەققىدە ئاجايىپ سىرلىق رېۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى ئون ئەسىردە ئىسلام دىنى قەشقەرگە تارقالغان بولۇپ، قەشقەر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادى ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى قارىخانىلار قوشۇنلىرى يېڭىساردا ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇدۇنغا باستۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇدۇن قوشۇنلىرى قۇمات پاششىمدا پىستىرما لەشكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شاكىر باشلامچىلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرى پىستىرمىغا ئۇچراپ قېلىپ، تەييارلىقسىزلا ئۇشتۇمتۇت جەڭگە ئاتلىنىدۇ. نەتىجىدە مەغلۇپ بولىدۇ. پۈتۈن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. شاكىر ئۇياققا دوقۇرۇپ، بۇياققا دوقۇرۇپ، ھېچقانداق قىلىپ جېنىنى ئېلىپ قاچالماي، ئاخىر يارىلىنىپ ئاتتىن غۇلاپ چۈشىدۇ. شاكىر ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا ئەسىر بولۇشنى خالىماي، ئۆز قورسىقىغا قىلىچ تىقىپ ئۆلۈپ، قاراخانىلارغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرىدۇ. قىلىچىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن بىر چىشى، بىر ئەركەك كەپتەر ئۇچۇپ چىقىپ، كېچە - كۈندۈز شاكىر شېھىت بولغان جاينى ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەنىكەن. مىلادى 1006 - يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى ئۇدۇنغا باشتۇرۇپ كېلىپ، ئولۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، شاكىرنىڭ روھىغا ئاتاپ ماتەم ئۆتكۈزۈپ، شاكىر ۋە سېھىرلىك كەپتەر ئۈچۈن قۇمات پاششىم دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مازار ياسىغان ھەمدە شۇ جايغا بىردانە قۇدۇق كولاپ قويغان، شاكىرنىڭ قەبرىسىنى دائىم يوقلاپ تۇرغان. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندىمۇ يولۇچىلار بۇ يەردىن ئۆتكەندە چوقۇم بۇ مازارغا تاۋاپ قىلىش ۋە سېھىرلىك كەپتەرلەرگە دان ۋە سۇ بېرىپ ئۆتۈش ئادەتكە ئايلانغان. رېۋايەت قىلىنىشىچە، قۇمات پاششىم مازىرىدىكى خاسىيەتلىك كەپتەرلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، نەچچە يۈز يىلغىچە ئاۋۇغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت