چامغۇرنىڭ شىپاھلىق رولى ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زاماندا ھەمىدان دېگەن شەھەردە مۇستاپا دېگەن بىر تېۋىپ ئۆتكەنىكەن. ئۇ 400 دىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقىپتۇ. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بىلىملىك تېۋىپ دەپ قاراپ، شاگىرتلىرىم جاي - جايلارغا بارسا ھەرقانداق تېۋىپلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەرلىك تېۋىپلار كارغا يارىمايدۇ، دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىكەن. مۇستاپا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شاگىرتلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئىگەللىگەن داۋالاش كەسپىگە ئاساسەن، مەلۇم بىر خىل كېسەللىك كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن دېگەن يەرگە ئەۋەتىپ ۋە شۇ يەردە كېسەل داۋالاپ، نام چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى يوقىرى كۆتۈرۈش لازىملىقىنى جېكىلەپتۇ. دەسلەپ ئۇلار قەشقەرگە كېلىپتۇ. ئۇ ئۆپكە كېسەللىكى بويىچە ماھىر تېۋىپ بولۇپ يېتىشكەن سايىت دېگەن شاگىرتىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:«ئەھۋالدىن قارىغاندا قەشقەر دېڭىز - ئوكياندىن بەكمۇ يىراق ئىكەن. ئۇنىڭ ئەتراپىدا چوڭ دەريا ياكى كۆللەرمۇ يوق ئىكەن، ئۇ يەردە دائىم توپا - چاڭ ئۆرلەپ تۇرسا كېرەك، ئۆپكە كېسەللىرىمۇ بەك كۆپ بولۇشى مۇمكىن، سەن شۇ يەرگە بېرىپ ئۆپكە كېسەللىرىنى داۋالاپ جېنىنى جان ئەت»دەپتۇ.
سايىت دورا - سايمانلىرىنى ئېلىپ، ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ، كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپ قەشقەرگە كېلىپ، دۇكان ئېچىپ، كېسەل كۆرۈشكە تەييارلىنىپتۇ. شۇ تەرىقىدە قىرىق كۈن ئولتۇرسا بىرەر كېسەل كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇقۇشۇپ كۆرسە، بۇ خىلدىكى كېسەللەرنى ئۇچراتماپتۇ. ئامالسىز دۇكىنىنى يىغىشتۇرۇپ، كىشىلەرگىمۇ چاندۇرماي، ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىپتۇ ھەم ئۇستازىغا بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. مۇستاپا ئۇنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭدىن سەن شۇلار قانداق نەرسىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغانلىقىڭنى سوراپ كۆردۈڭمۇ دەپ سورىغانىكەن، سايىت بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن دەپتۇ. مۇستاپا بۇنىڭ ئۈچۈن بەك كايىپ، قايتا قەشقەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ.سايىت قايتىدىن جابدۇنۇپ قەشقەرگە كېلىپ، تەكشۈرۈپ كۆرسە، كىشىلەر چامغۇرنى كۆپرەك قىلىۋاتقان ھەم ئۆپكەكېسىلى بار ئادەملەرنىڭ چامغۇر ئۇرۇقىنى ياغ تارتتۇرۇپ، ئۇنىڭدا قۇيماق ئېتىپ يەيدىغانلىقنى ئاڭلاپ، بىر قانچە تال چامغۇر ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ، ئۇستازىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ ۋە چامغۇرنى بېرىپتۇ. مۇستاپا ئۆپكە كېسىلىگە داۋا بولىدىغان ھەممە ئۆسۈملۈك ۋە جانىۋارلارغا تەھقىقلەپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن چامغۇر دېگەن ئۆسۈملۈكنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىكەن. ئۇ چامغۇرنىڭ تۈزۈلىشى ۋەقۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆپكە كېسىلىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى دەلىلىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مەندىنمۇ قابىلىيەتلىك تېۋىپلار ياشاپ ئۆتكەنىكەن، مەن تېخى ئەمچىلىكتە كامالەتكە يەتمىگەنىكەنمەن، دەپ شاگىرتلىرىغا ئالدى بىلەن جاي - جايلاردىكى تېۋىپلاردىن ئۆگىنىپ، ھۈنىرىنى پىششىلىغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ كېسەل كۆرۈپ، داۋالاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەخسۇس خەت يېزىپ يوللاپتۇ ھەم ئۆزىمۇ ئەمچىلىك ساھەسىدىكى ئىزدىنىشنى قايتىدىن باشلاپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كىرىشىپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆپكە كېسىلىگە چامغۇرنىڭ داۋا بولىدىغانلىقىنى ئانا ساغۇن دېگەن بىر تېۋىپ تاپقانىكەن.