يۈسۈپ قادىرخان مەلىكىسىنىڭ نىكاھلىنىپ چۈش كۆرگەنلىكى ھەققىدە
رېۋايەتلەر
رېۋايەت قىلىنىشىچە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولۇپ تەخمىنەن سەكسەن يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ ئارىلىقتا، بەش پادىشاھ ئارقا - ئارقىدىن دەۋر سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
ئالتىنچى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرۇپ ئىسلام دىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپتۇ.ئۇ ھىجىرىيە 415 -، 424 - يىللىرى خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ خانى ياغلاقالقا لۇنى ئۆلتۈرۈپ، خوتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەنمىش. ئۇنىڭ دەۋرىدە يۇرت ئاۋاتلىشىپ، ئىلىم - مەرىپەت گۈللىنىپتۇ، شاھ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ داڭقى قوشنا ئەللەردە تارقىلىپتۇ. شۇ چاغدا قەشقەردىكى «ساچىيە» مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى بولمىش ھۈسىيىن پەيزۇللا غوجام دېگەن ئالىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، باشقا يۇرتلاردىن نۇرغۇن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان بوپتۇ. ئۆز ۋاقتىدا مەھمۇد قەشقەرىمۇ بۇ ئالىمدىن ئىلىم ئۆگەنگەنىكەن. بۈيۈك مۇدەررىس ھۈسىيىن پەيزۇللا غوجىنىڭ كىچىك ئوغلى ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىنمۇ «ئىلمى ئاتا غوجام» دەپ ئانام ئالغان ئۆز دادىسىدىن كۆپلەپ بىلىم ئاپتۇ. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ تارىخىي ۋە دىنىي ئىلىمگە چوڭقۇر ھەۋەس قويۇپ شىجائەت بىلەن ئۆگىنىپتۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە «قەشقەر تارىخى»، «ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى» قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ تاماملاپتۇ.
ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىن قۇرامىغا يەتكەن مەزگىلدە، ھاۋالىنىپ كېلىش ئۈچۈن يېقىن كىشىلىرىنى باشلاپ قەشقەرگە كەپتۇ. ئۇلار ئايلىنىپ يۈرۈپ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوردىسىغا تەۋە گۈللۈك باغنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قاپتۇ. باغ ئىچىدە ئىنتايىن گۈزەل بىر ساھىبجامال قىز يۈرەرمىش. شۇ زامان ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىننىڭ يۈرىكىگە ئوت چۈشۈپ بۇ قىزغا كۆيۈپ قاپتۇ. ئوبۇلنىڭ پۈتۈن بۇرادەرلىرى بۇ ئىش ھەققىدە ئۆزائارا قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپتۇ. بەزىلىرى: «بۇ قىز يۈسۈپ قادىرخان پادىشاھنىڭ ئارزۇلۇق قىزى، سىلىگە نېسىپ بولماسمىكىن» دەپتۇ. بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغان بەزىلىرى: «راست، يۈسۈپ قادىرخان پادىشاھ تۇرسا، سىز ئالىمنىڭ بالىسى بولسىڭىزمۇ بەرمەسمىكىن» دەپتۇ. ئارىدىن بىرى: «بۇرادەرلەر، ماڭا بىر ئوي كېلىۋاتىدۇ، ئېيتىپ باقسام» دەپتۇ. ھەمراھلىرى «قېنى سۆزلەپ بېقىڭ» دەپتۇ. ئۇ: «پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان ئاتۇش مەھشەدتە دەپنە قىلىنغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۇشتى. ئەگەر ئۇ تەلىپىڭىزنى ماقۇل كۆرسە، سىز ئاتۇش مەھشەدكە بېرىپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ بۇ مەقسىتڭىز يۈزىسىدىن ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ كۆرسىڭىز، ئاللاھ سىزنىڭ بۈيۈك تەلىپىڭىزنى ئىجابەت قىلسا ئەجەب ئەمەس» دەپتۇ. بۇ پىكىرگە ھەممەيلەن قوشۇلۇپتۇ. ئەتىسى ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىن دادىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئاتۇش مەھشەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرىغا بېرىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ تۈنەپتۇ. ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىتائەت قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. تۆتىنچى كۈنى كېچىسى ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھىبلىرى بىلەن كېلىپ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىزىنى ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىنگە نىكاھ قىلىپ قويۇپ، قىزنىڭ ئۈستىگە بىر تۇتام خورمىنى چېچىپ غايىب بوپتۇ. ئۇ بۇ چۈشىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ خۇداغا نۇرغۇن ھەمدۇ سانا ئوقۇپ قەشقەرگە راۋان بوپتۇ. شۇ كۈنى كېچىسى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىزىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش چۈش كۆرۈپتۇ. ئويغىنىپ دەرھال چىراغنى يېقىپ يۈسۈپ قادىرخانغا كىشى ئەۋەتىپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان دەرھال قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ. قىز دادىسىغا ھۆرمەت تەزىمنى بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاتىسى ئولتۇرغان جايغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئەي ۇلۇغ شاھ ئاتا، مەن بايا ئاجايىپ چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە رەسۇلىللاھ نۇرغۇن ساھابىلەر بىلەن كېلىپ مېنى ھۈسىيىن پەيزۇللا غوجىنىڭ ئوغلى ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار دېگەن كىشىگە نىكاھ ئەھدە قىلىپ بىر تۇتام خورمىنى بېشىمدىن چېچىپ مۇبارەكلىدى. بۇ نېمە ئىش؟» دەپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان ھەيران بولۇپ بۇ ئاجايىپ ھۈشنى ئوردا ئالىملىرىغا ئېيىتپتۇ ۋەى ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ نىكاھ ھېساب دېسە، بەزىلىرى قايتا نىكاھ قىلىش كېرەك، دەپتۇ. ئاخىر قايتا نىكاھ قىلىدىغان بولۇپ تارقىلىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككى ياشنىڭ نىكاھ ئەھدىسى ئوقۇلۇپ پۈتۈن قەشقەر شەھىرىگە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مەلىكىسى ھۈسىيىن پەيزۇللا غوجىنىڭ ئوغلى ئوبۇل پۈتۈھ ئابدۇلجاپپار ھۈسىيىنگە ياتلىق قىلىنىپتۇ. ئىككى ياش مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ.