UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئاپراسياپ ۋە راۋاب ھەققىدە رېۋايەت

ئاپراسياپ ۋە راۋاب ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئاپراسياپ قەشقەردە خانلىق تەخىتتە ئولتۇرغان يىللاردا، ئەل يۇرتنى ئادىل باشقۇرۇپ، تىللاردا داستان بوپتۇ. ئاپراسياپ ئادەملەر قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئۆز ئىش - ئوقىتى بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئويۇن - تاماشىنى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بوپتۇ. ئۇ پۇقرالارنى يايرىتىشقا سەۋەب بولىدىغان بىر چارە - تەدبىر ئويلاپ چاھارباغقا كىرىپ، ئۇيان ئۇيلاپ، بۇيان ئويلاپ خىيال سۈرۈپ تۇرغان پەيتتە، بىر تورغاينىڭ مۇڭلۇق سايرىشى بىر ياندىن ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ دىققەت بىلەن كۆزىتىپ ئۆزىمۇ تەقلىد قىلىپ سايراپ بېقىپتۇ. ئەمما، ئۇ شۇنى ئەستىن ئۆتكۈزۈپتۇكى، مەن بىر پادىشاھ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا قۇشلاردەك سايراپ يۈرسەم كۈلكىگە قېلىشىم تۇرغان گەپ، ئەڭ ياخشىسى ياغاچتا بىر سايمان ياساپ، شۇنىڭغا قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىدىغان قىلىپ بىر ھۈنەر كىرگۈزەي دەپتۇ. توققۇز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، توققۇز غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا بىر توپ ياغاچنى بىر چالغۇ ئەسۋابى قىلىپ ياساشقا تۇتۇنۇپتۇ ھەم ئۇنى دەسلەپكى شەكلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ بۇ ياغاچنى خۇددى ئادەم سىياقىدا ياساپ، بىر ئېغىز بېكىتىپتۇ. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئىنچىكە ېشىپ ئۈچ تال تارا ساپتۇ. لېكىن، بۇ ئەسۋابتىن ئاۋاز چىقماپتۇ. ئىش باشلىغان توققۇزىنچى كۈنى باغنىڭ يېنىدىكى ئىش ئورنىدا يەنە شۇ ئەسۋابقا ئاۋاز چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتسا، بىر يىگىت جاراڭلىق ۋە بەكمۇ مۇڭلۇق ناخشا ئوقۇپ كۈنتۇغار ياقتىن كۈنپاتار ياققا كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ ناخشىسىغا بىلىنەر - بىلىنمەس قىلىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئارىدىن بىر ئاش پىششىقى ۋاقتى ئۆتۈپ ھېلىقى ناخشىچى يىگىت قايتىپتۇ. ئۇ يەنە ناخشا ئوقۇپ ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن ناخشىسى ئالدىنقى قېتىمقىسىدەك جاراڭلىق بولماي، غۇدۇرۇڭراق چىقىپتۇ. ئاپراسياپ بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ - دە، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ، دەرھال ھېلىقى يىگىتنى چاقىرتىپ سەن قەيەرگە بېرىپ كەلدىڭ، - دەپتۇ. يىگىت قېيناتا - قېينانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاپراسياپ دەرھال ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، ياساۋاتقان چالغۇ ئەسۋابىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ قارنىنى چوڭقۇر ئويۇپ، ئۇ يەرنى تېرە بىلەن ئوراپ، تارىغا زەخمەك ئۇرغانىكەن، بۇ ئەسۋابتىن مۇڭلۇق ئاۋاز چىقىپتۇ. ئاپراسياپ يىگىتنىڭ ئىككى قېتىملىق ناخشىسىدىن شۇنى ھېس قىلغانىكەنكى، يىگىت ئەتىگەندە تاماق يېمىگەن، قورسىقى ئاچراق، شۇڭا ئاۋازى جاراڭلىق چىققان، جېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئۆيىگەبېرىپ قورسىقىنى جىقراق توقلىۋالغاندىن كېيىنكى ناخشىسى بولسا لەرزان چىققانىكەن. دېمەك، ئاپراسياپ كەشىپ قىلغان بو ئەسۋاب راۋابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىراق ئاۋازلىق چالغۇ ئەسۋابى ياساش مەقسىتىدە دۇتارنى ياسىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەلدە ئادەملەر قورساق توقلاپلا يۈرىدىغان ئادەتلەر تۈگەپ، نەغمە - ناۋامۇ بولىدىغان، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇشقانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت