UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتبۇددا مۇنارى

بۇددا مۇنارى

رېۋايەتلەر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى خانئۆي خارابىسىنىڭ غەربىي تەرىپىددە ئېگىزلىكى ئون ئۈچ مېتىر ، شەكلى مورىغا ئوخشايدىغان بىر مۇنار بار بولۇپ، كىشىلەر بۇنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت بار: خاراخانىلار پادىشاھى «خانئۆي» شەھرىدىكى تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پۈتۈن شەھەر خەلقى بۇددا ئىخلاسمەنلىرىدىن بولۇپ، كىشىلەر بۇنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت بار : قاراخانىلار پادىشاھى «خانئۆي» شەھرىدىكى تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پۈتۈن شەھەر خەلقى بۇددا ئىخلاسمەنلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار مۇددا تەلىماتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلەپ ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلغانىكەن. شۇ يوسۇندا ئۇلار بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ بۇتخانىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز تىلەكلىرىنى «ئۇلۇغ بۇت» لارغا بايان قىلىدىكەن. قاراخانىلار پادىشاھىمۇ شۇ ئىبادەتخانىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئىبادەتخانىغا يانداش قىلىپ بىر خان سارىيى سالدۇرۇپ، بەزى چاغلاردا ئىبادەتتىن قايتىپ شۇ سارايدا تۇرۇپ قالدىكەن. بۇنداق كۈنلەردە پادىشاھنىڭ تامىقى ئوردىدا ئېتىلىپ ئۆگزە يوللىرى بىلەن بۇتخانىغا توشۇلۇپ بېرىلىدىكەن. بۇ بۇتخانا ئۆزىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ھەشەمىتى بىلەن پۈتۈن ئالەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغانىكەن. شۇڭا، بۇتخانىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان يېراق -يېقىدىكى ئەللەردىنمۇ تاۋابچىلار كېلىپ ئىبادەت قىلىدىغان بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىندىستانلىق بىر بۇددا تەرىقەتچىسى بۇتخانىغا كېلىپ ئىبادەت قىلىش جەريانىدا ھەيرانلىق ئىلكىدە بۇتخانا شەيخىدىن: «بۇ بۇتلار شۇنچىلا چوڭ ھەم كۆركەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە قويۇلغان بۇتلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشتىن باشقا، ئۇلار ناھايىتى ئەينەن، تەبىئىي ئىكەن. بۇنداق بۇت ۋە بۇتخانىلار، بۇددا دىنىنىڭ بۆشۈكى بولغان ھىندىستاندىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. بۇ بۇتخانىنى قانداق بىر زات ياسىدى» دەپ سوراپتۇ. شەيخ:«بىز تۇغۇلساق بۇ بۇتخانا بار ئىكەن. خان ئاليلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خاننىڭ بوۋىسى سالدۇرغانىكەن. بۇنى ياسىغان كىشى شۇ چاغدا ئۆتكەن ئادەم بولۇپ، بۇتخانا پۈتكەندىن كېيىن خان ئۇنىڭغا تون يېپىپ ئەمەل - مەرتىۋە بەرگەنىكەن. بۇتخانىنى ياساش جەريانىدا ھېلىقى ئۇستا نەچچە مىڭ ئادەمنى تامچى، رەسسام، بوياقچى ۋە بۇت ياساش ماھىرى قىلىپ يېتىلدۈرگەنىكەن» دەپتۇ. ھېلىقى ھىندىستانلىق تەرىقەتچى كەتكەندىن كېيىن خان ئوردىسىدا مەزھەپ پەيدا بولۇپ، ئوردا ئىچى قالايمىقانلىشىپتۇ. خان بىلەن خانزادە قارشىلىشىپ بىر - بىرىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپتۇ. خانزادە خاننى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىپ، خان ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ ئىككى ئارىدا ناھايىتى چوڭ جەڭگى - جېدەل بوپتۇ. مانا شۇ چاغدا خانزادە ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن چاقماق دەرياسىنى توغانلاپ، خان ئوردىسىغا سۇ قويۇپ، ئارقىسىدىن ئوت قويۇپ خانغا تەھدىت ساپتۇ. بۇ چاغدا، خان لەشكەرلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ بۈيۈك پاناھى بولغان بۇتخانا ئەتراپىغا يىغىلىپ ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىپتۇ. بۇتخانىنىڭ بىر تەرىپى ئېگىز تاغ بىلەن تۇتاش بولغاچقا، بۇ يەرگە سۇ چىقماي بۇتخانا ساقلىنىپ قالغانىكەن. كېيىن تۈرلۈك تەبىئىي ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن بۇتخانىنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ، چوڭ بۇت قويۇلغان مۇنار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ھازىر گەرچە بۇددا مۇنارى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى تام سۆرەتلىرىنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
بۇددا مۇنارى | UyghurWiki | UyghurWiki