يولۋاسنىڭ تېرىسى نېمىشقا تاغىل؟
رېۋايەتلەر
بۇرۇنقى زاماندا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مال - چارۋىلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئىخلاسمەن مۆمىن بەندىلەردىن بىر قانچىنى ئۆز ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇپ مال - چارۋىلارغا قارىتىدىكەن. ئۇلار بىر - قانچە كۈن نۆۋەتلىشىپ ماللارنى ئوت - چۆپ، سۇلىرى مول بولغان جايلارغا ئاپىرىپ باقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرى مۇڭلۇق نەينى ياڭرىتىپ مال باققىلى چىقىپتۇ. نەي ئاۋازى تاغلاردا ئەكىس سادا ياڭرىتىپتۇ. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان بىر يولۋاس، دەرھال مال باقارنىڭ قېشىغا كېلىپ:
_ سەن بۇ دالاغا تىنچسىزلىق ئېلىپ كېلىپ بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزدۇڭ ،كارامىتىڭ بولسا كەل، بىز كۈچ سىنىشىپ كۆرەيلى، ئەگەر سەن مېنى يەڭسەڭ نېمە قىلساڭ مەيلى. ئەگەر مەن سېنى يەڭسەم بۇ ئۆتكۈر چىشلىرىم ھەرگىز سېنى كەچۈرمەيدۇ، - دەپتۇ ۋە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تەييارلىقسىز تۇرغان مالچىنى يەپ كېتىپتۇ. ئەتىسى يەنە بىر مالچى چىقىپتۇ، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مۇسا ئەلەيھىسسالام مال باقار قىياپىتىدە ياسىنىپ يولغا چىقىپتۇ. ۋەھشىي يولۋاس نەپسىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:
_ ھەي ئىنسان، كەل بىز كۈچ سىنىشىپ كۆرەيلى، ئەگەر سەن يەڭسەڭ نېمە قىلساڭ مەيلى، ئەگەر مەن يەڭسەم بىر ۋاخ ئوزۇق قىلىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇسا ئەلەيھىسسالام:
_ سىنىشىپ كۆرسەكمۇ كۆرەيلى، بىراق مەن كۈچۈمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، - دەپتۇ. يولۋاس ئىچىدە ئالدىنقى كۈندىكى مالچىنى ھېچ كۈچ سەرپ قىلمايلا يەم قىلىۋەتتىم، بۇمۇ ئوخشاشلا مېنىڭ بىر ۋاخ ئوزۇقۇمغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئويلاپ مەردلەرچە:
_ بوپتۇ، مەشەدە ساقلاپ تۇراي، سەن بېرىپ كۈچۈڭنى ئەكەل! - دەپتۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەقىل ئىشلىتىپ:
_ ئەگەر مەن ئۆيگە بېرىپ كۈچۈمنى ئەكەلگۈچە سەن قېچىپ كەتسەڭ قانداق قىلىمەن، - دەپتۇ. يولۋاس:
_ سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ پۇت - قولۇمنى چۈشەپ قويۇپ كەتكىن، كىمنىڭ قابىل ئىكەنلىكىنى سىناشقاندا بىلىپ قالارسەن، - دەپتۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەپچىللىك بىلەن بىلىكىدىكى تاسما ئارغامچىنى ئېلىپ يولۋاسنى مەھكەم چۈشەپ، يۇلغۇن كەلتەكلىرى بىلەن تازا ساۋاپ تۇرۇپ:
_ مېنىڭ كۈچۈم مۇشۇ، كىمنىڭ قابىل ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىپ قالغانسەن، - دەپتۇ ۋە يولۋاسنى تېرىلىرى قىيما - چىيما بولغۇچە ساۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يولۋاس تېرىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تاياق زەربىسى بلەن تاغىل بولۇپ قالغانىكەن.