UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتسۇلتان سەئىدخان

سۇلتان سەئىدخان

رېۋايەتلەر (1) سۇلتان سەئىدخان خانلىق تەختكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن زالىملارنى يوقاتتى، ئېسىل ۋە ياخشى كىشىلەرنى تەربىيىلىدى. مىرزا ئابابەكرىنىڭ توپلىغان مال - مۈلكىنى خەلققە - ئەسكەرگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھېچبىر كىشىمۇ خاننىڭ ئىنئامىدىن قۇرۇق قالمىدى. ئىمىر دايىم، ئېلى سەردار قاتارلىق بەگلەر ئابابەكرى مىرزىنى قوغلاپ باردى. قوغلاپ ماڭغان يەتتە نەپەر بەگ قاراڭغۇ تاغ دەرياسىغا بېرىپ «قىللاپ» (تارتىش جابدۇغى) تەييارلاپ مىرزا ئابابەكرى دەرياغا تۆكۈپ كەتكەن خۇرجۇنلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تارتىۋالدى. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى تارتىۋالالمىدى. باشقا نەرسىلەردىن بۆلەك بىر يېرىم پاتمان (بىر پاتمان تەخمىنەن 64 چارەك) ئالتۇن سۇلتان سەئىدخانغا تۆھپە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى. ئابابەكرى مىرزىنىڭ چارۋا ماللىرىمۇ تەقسىم قىلىندى. جۈملىدىن يالغۇز مىرزا ھەيدەر (مەشھۇر تارىخچى، تارىخى رەشىدنىڭ ئاپتورى) كوراگانغا ئون سەككىز مىڭ قوي تەگدى. قاغىنىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلىش كېرەك. سۇلتان سەئىدخانغا قىسىم قىلىنغان ئالتۇن ۋە مال - مۈلۈكلەرنى خەلققە تارقىتىپ بەردى. ھەممە ئەسكەر، ئاھالە باي بولدى. سۇلتان سەئىدخان ھىممەتلىك، سېخىي، شىجائەتلىك ۋە خۇش تەبىئەت، مۇسۇلمان، ئادىل ۋە شائىر، پادىشاھ ئىدى. پارس ۋە تۈركىي شېئىرلارنى ياخشى يازاتتى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ شېئىرلىرىدىن بۇ مىسرالارنى نەمۇنە قىلىپ بۇ بەتكە يازدىم: قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدىن بىر گۈلى رەئناسى بار، قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار. ھۆرى بىرلە جەننىتۇلمەئۋانى كۆڭلۈم نەيلىسۇن، يارنىڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننىتۇلمەئۋاسى بار. لەئلدىن خەتتى بۇدۇر، ھەردەم تىرىكلىككە نىشان، خوش نىشاندۇركى، ئىككى قاشىدىن توغراسى بار. بىر چۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات، لەئلى جان بەخشىڭدە گويا كىم مەسھى ئەنپاسى بار. يۈزى ئۆزرە كاكۇل ۋە زولپىن پەرىشان كۆرگىلى، ئى سەئىدئاشىپتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار. شۈكۈرلىللا ھالىتىم زاھىر بولۇپتۇر يارغا، ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسىتەي ئەغيارغا. سەير ئۈچۈن كىرسە گۈلىستان ئىچرە ئول سەرۋى راۋان، بەندە بولسۇن سەرۋى ئازات ئول قەدۇ رەپتارغا. نازىلە تا ئاتلىنىپ شەھرى ئىچىدە سالدى دوستۇقىز، جان بىلەن بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبىرى ئەييارغا. دوستلار ئەيىب ئتمىڭىز قان يىغلىسام مەن زارنى، بەسكىلا ئالمام نىتەي بۇ دىدە ئى خونبارغا. ئى سەئدى ئول ياردىن تاپتىڭ مۇرادىڭنى تامام، بارچىسى بولدى مۇيەسسەر شۈكۈر برۇبارغا. (2) سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرىيىنىڭ 939 - يىلى (مىلادى 1533 - يىلى) ئىدى. سۇلتان سەئىدخان يىگىرمە يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئومۇمەن قىرىق يىل ئۆمۈر كۆردى. مەرھۇم سۇلتان سەئىدخاندىن تۆت ئوغۇل قالدى. ئۇلار: ئابدۇرېشىدخان، ئىسكەندەر سۇلتان، مۇھىس سۇلتان، ئىبراھىم سۇلتان. سەئىدخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ چاغدا ئابدۇرېشىدخان ئاقسۇغا ۋالىي ئىدى. مىرزا ئېلى تاغايىنىڭ كۈيئوغلى مىرزا يادىكار مۇھەممەدنى خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا ئەۋەتتى. سىيىد مۇھەممەد مىرزا قەشقەر ۋالىيسى ئىدى. ئۇنىڭغا كىشى ئەۋەتتى. خاننىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ئىسسىق كۈنلەر بولغىنى ئۈچۈن خاننىڭ جەسىتىنى ئوردىنىڭ ئىچىدە بىر ئۆيگە دەپنە قىلدى. خۋاجە شاھ، مۇھەممەد ۋەزىر، مىرزا ئېلى تاغايى باشلىق ھەممە بەگلەر تەزىيە تۇتۇپ تۇرغاندا قەشقەردىن سىيىد مۇھەممەد مىرزا يېتىپ كەلدى. ئاۋۋال خېنىملارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، خاننىڭ جەسىتىنى تاۋاپ قىلىپ ھازىدار بولۇپ تۇرغاندا، ئاقسۇدىن ئابدۇرېشىدخان يېتىپ كەلدى. سىيىد مۇھەممەد مىرزا بارلىق ئەربابلارنى، ئەمەلدارلارنى ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى ۋە بۈگۈن شەھەرگە كىرمەي، ھايال قىلسۇنلەر، ئەتە يىل بېشىدۇر ھەمدە پەيشەنبە كۈنى ياخشىدۇر، دەپ خەۋەر چىقاردى. ئەربابلار، بەگلەر، ئەمەلدارلار ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئالدىغا باردى، كۆرۈشتى. مىرزا ئېلى تاغايى زاماننىڭ پىتنىخورلىرىدىن بولۇپ، ئابدۇرېشىدخانغا مەخپىي جايدا: «سىيىد مۇھەممەد مىرزىنىڭ خىيالى باشقىچە تۇرىدۇ، سۇلتان سەئىدخانمۇ ھەم سىيىد مۇھەممەد مىرزا بىلەم مىرزا ھەيدەر كوراگان تەرغىب قىلىپ، سېنى زورمۇزور تىبەتكە ئېلىپ باردى، گوياكى ئۇلار ماڭا ئۆچلۈك قىلىپ قىساس قىلدى. ئوغلۇم ئابدۇرېشىدخان، ئۇلار تۇرۇپ خان بولالماس دېگەنىدى» دېدى. ئابدۇرېشىدخاننىڭ كۆڭلىگە بۇ سۆزلەر تاشقا ئويۇلغان خەتتەك ئورنىدى. تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 940 - يىلى (مىلادى 1534 - يىلى) مۇھەررەم (يانۋار) نىڭ بىرىنچىسى، پەيشەنبە كۈندە ئابدۇرېشىدخان يەكەن ئوردىسىغا كەلدى. ئابدۇرېشىدخان ئاتلىق يۈرۈپ دەيۋانخانا (خانلىق ئوردا) نىڭ ئىشىكىگىچە كەلدى. سىيىد مۇھەممەد مىرزا قارا سەللە يۆگەپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ تەزىيە تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئابدۇرېشىدخاننى كۆرۈپ ئايىقىغا يىقىلىپ يىغلىدى. ئابدۇرېشىدخان: «تۇتۇڭلار!» دېدى. ئەتراپتىن قىلىچلار يالىڭاچلىنىپ سىيىد مۇھەممەد مىرزىنىڭ بېشىنى كەستى. ئېلى سىيىد كۆكۈلداشنى ئۆلتۈردى. خان ئوردا ئىچىگە كىرىپ خېنىملارغا تەزىيە بىلدۈردى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلدى. چوڭ - كىچىك ھەممە كىشىلەر يىغىلىپ قەدىمكى قائىدە بىلەن بەيئەت قىلىپ ئابدۇرېشىدخاننى خانلىق تەختكە چىقىرىپ مۇبارەكلىدى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت