مازارغوجام
رېۋايەتلەر
شاياردىكى «مازار غوجام» غا بابا قەمبەر ۋىلىيوللانىڭ مازىرى جايلاشقانىكەن. بابا قەمبەر ۋىلىيوللا ئەسلىدە مۇسۇلمان ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئۇ ناھايىتى قاۋۇل كىشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ پالۋانلىقىدىن مەغرۇرلىنىدىكەن. ئۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدە ھەزرىتى ئېلى ئىسىملىك بىر تەڭداشسىز پالۋان بار ئىكەن دەپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئەرەب زىمىنىغا كەپتۇ. ھەزرىتى ئېلى ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى بىلگەندىن كېيىن «ئۇنداق بولسا بىز شەرت بىلەن ئېلىشايلى! ئەگەر سىز مېنى چېلىشىپ يېڭىۋالسىڭىز، مەن سىزگە ئۆمۈر بويى قۇل بولاي؛ ئەگەر مەن سىزنى يېڭىۋالسام ، سىزمۇ ماڭا قۇل بولىسىز ھەم مېنىڭ دىنىمغا كىرىسىز » دەپتۇ. بابا قەمبەر ۋىلىيوللا بۇ شەرتكە ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار چېلىشقا باشلاپتۇ. ئەمما، ئۈچ كېچە - كۈندۈز چېلىشىپمۇ بىر - بىرىنى يېڭەلمەپتۇ. ئۇلار ھېرىپ قالغاندا توختاپ ئارام ئاپتۇ. كېيىن يەنە ئېلىشىپتۇ. قورسىقى ئاچقاندا توختاپ تاماق يەپتۇ. كېيىن يەنە ئېلىشىپتۇ. ئاخىر ھەزىرىتى ئېلى ئاللاغا مۇراجىئەت قىلىپ :«ئەي، قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللا، سەبن مېنى مۇشۇ كەمگىچە رەقبىرىمنىڭ ئالدىدا يېڭىلمەس قىلغانىدىڭ، بۇ نۆۋەت يەنە بىر كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن، يا ئىبراھىم خېلىللا، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ توۋلاپ، بابا قەمبەر ۋىلىيوللانى كۈچەپ كۆتەرگەنىكەن. ئۇ پور كۆتەكتەك يەردىن يۇلۇنۇپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئېلى ئۇنى يەرگە ئېغىتىپ تاشلاپتۇ. بابا قەمبەر ۋىلىيوللا يېڭىكگىنىگە تەن بېرىپ، شەرت بويىچە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتۇ. ھەزىرىتى ئېلى ئۇنى ئۆزىنىڭ مىراسخورلىقىغا تەيىنلەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بابا قەمبەر ۋىلىيوللا ھەزرىتى ئېلىنىڭ دولدۇلىنى بېقىپ، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ ئۆتۈپتۇ.كېيىنكى كۈنلەردە ھەزىرىتى ئېلى بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان چاغدا ، قەمبەر ۋىلىيوللا ئۇنىڭدىن : «ھەرزىتى ئېلى، سىزدىن كېيىن مېنىڭ بارىدىغان - تۇرىدىغان جايىم قەيەردە بولىدۇ؟»دەپ سوراپتۇ، ھەزرىتى ئېلى ئۇنىڭغا بىر تال ھاسىنى سوۋغات قىلىپ: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىز خالىغان يەرگە بارسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بىرەر يەردە تۇرۇپ قالماقچى بولسىڭىز، بۇ ھاسىنى بارغان يېرىڭىگە قاداپ قويۇپ، ناماز ئۆتەڭ، قەيەردە سىزنىڭ نامىزىڭىز تۈگىگىچە بۇ ھاسا كۆكلەپ قالسا، دەل شۇ يەردە توختاپ قالسىڭىز بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قەمبەر ۋېلىيۇللا ھەزرىتى ئېلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەپەرگە ئاتلىنىپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپتۇ. ھاسىنى قاداپ نۇرغۇن يەرلەرنى سىناپ بېقىپتۇ. بىراق ھاسا ھېچيەردە كۆكلىمەپتۇ. ئاخىر كۇچا بىلەن شايارنىڭ ئارىلىقىدىكى زېمىنغا كېلىپ ناماز ئۆتىمەكچى بوپتۇ. ئۇ ھاسىنى دەريا بويىغا قاداپ قويۇپ، دەريا سۈيىدە تەرەپ ئېلىپ ناماز ئۆتەپتۇ. نامازدىن كېيىن قارىغۇدەك بولسا، ھاسا كۆكلەپ يوغان بىر تۈپ دەرەخكە ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنىڭ ياشايدىغان جايىم مۇشۇ ئىكەن دەپ ئويلاپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. قەمبەر ۋىلىيوللا ئۈچ يۈز يىل ياشاپ ۋاپات بوپتۇ. كىشىلەرئۇنى شۇ يەرگە دەپنە قىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئەرەبسىتاندىن ئىشان ساقى ۋەلىيوللا غوجام دېگەن بىر كىشى كېلىپ، قەمبەر ۋىلىيوللانىڭ ھەزرىتى ئېلىنىڭ مىراسخورى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مازىرىنى «مازار - غوجام » دەپ ئاتاپتۇ ۋە بارا - بارا بۇ نام يۇرت نامىغا ئايلىپ قاپتۇ.