ئويچولپان
رېۋايەتلەر
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئوپال دىيارىنىڭ پادىشاھى شاھى ئېھرامنىڭ ئىجازىتى بىلەن شاھزادە ئەمىر ھۈسەيىن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ كۈن يورۇش تامان ئوۋشا چىقىپتۇ. بۈك - باراقسان جاڭگاللارغا بۈركۈت قويۇپ، ئوقيا ئۈزۈپ نۇرغۇن ئولجىغا ئىگە بوپتۇ. قايتىش ئالدىدا ئازىق دارىسى تەرەپتىن بىر كېيىك كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە دەرھال كىرىچ تارتىپ ئوقيا ئۈزۈپتۇ. مەجرۇھ كېيىك قاپتالدىكى توقايغا قېچىپتۇ. كېيىكنى قوغلاپ يۈزۈپ بىر تۆپىلىككە كېلىپ قالغان شاھزادە كېيىكنى نەزەردىن قاچۇرۇپ قويۇپتىيۇ، تۆپىلىكنىڭ ئاستىدىكى يېشىلىققا پۈركەنگەن باغدىكى ئانار شاخلىرى ئارىسىدا خۇددى تىنىق كۆكتە يالتىراپ تۇرغان چولپاندەك بىر ساھىبجامالغا تىكىلىپ قاپتۇ.
شاھزادىنى بۇ ھالدا كۆرگەن ھەمراھلىرى:
_ نېمىگە مۇنچىۋالا زېھىن - زوق بىلەن قاراپ كەتتىلە؟ _ دەپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ.
_ ئويدا چولپان كۆردۈم، - دەپتۇ شاھزادە ۋە تۆپىلىكتىن چۈشۈپ، ھېلىقى باغنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بۇلاقنى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان سۆگەتلىك بوستانلىققا كەلگەندە ئارام ئېلىپ ئوزۇقلىنىشقا پەرمان بېرىپتۇ. ئاتلارنى يول بويىدىكى قارا سۆگەتلەرگە باغلاپ، بۇلاق بېشىدىكى چىمەنلىككە ئورۇن راسلاۋاتقان شىكارچىلارنىڭ ئوپۇر - توپۇرىنى ئاڭلاپ، ئۈجمە شاللىرىدىن ئىشلەنگەن يوغان دەرۋازىدىن چىقىپ كەلگەن باغۋەن ئېھتىرام بىلەن سالام بېرىپ، ئۆزىنى موللا سەيپىدىن دەپ تونۇشتۇرۇپ مېھمانلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. شاھزادە موللا سەيپىدىن ئاكىغا ئاستىدىكى تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان پالاس ئۈستىدىكى يولۋاس تېرىسىدىن ئورۇن بېرىپتۇ ۋە مۇلازىملىرىنى تىنىق بۇلاق سۈيىدىن ئۇسسۇزلۇق كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ.
موللا سەيپىدىن ئاكا «ئۇسسۇزلۇقنى ئۆزۈم كەلتۈرەي» دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كىرىپ قىزى بۈۋى رابىيەگە ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۈۋى رابىيە چەبدەسلىك بىلەن بىر ئانارنى سىقىپ گۈللۈك ساپال تاۋاقنى تولدۇرۇپ خونچىسىغا سېلىپ ئاتىسىغا بېرىپتۇ. ئاتىسى ئۇنى ئېلىپ چىقىپ شاھزادىگە سۇنۇپتۇ. سۇ ئورنىغا ئانار شەربىتى سۇنغان بۇ ئائىلىنىڭ ئاق كۆڭۈل، مېھماندوستلۇقى ۋە سەمىمىيىتىنى چۈشەنگەن ئەمىر ھۈسەيىن يەنىمۇ چوڭقۇر سىناپ كۆرۈش مەقسىتىدە يەنە بىر تاۋاق سۇ سوراپتۇ. بۇ چاغدا شاھزادە ھۈسەيىننىڭ كۆڭلىدىن «بۇ ئەھۋالنى شاھ ئاتامغا ئېيتسام، رەئىگە ئانار سېلىقى سېلىنسا، ئوردا ئەمىرلىرى سۇ ئورنىغا ئانار شەربىتى ئىچسەك نېمىدېگەن ياخشى» دېگەن خىيال ئۆتۈپتۇ. قىزنىڭ بۇ قېتىم سىقىۋاتقان ئانىرىدىن شەربەتنىڭ كەم چىكىېاتقانلىقىنى كۆرگەن موللا سەيپىدىن قىزىغا: «مېھمانلار سۇ سورىغاندىنكىن كۈپنىڭ مۇزدەك سۈيىدىن بەرسەك بولماسمىدى» دەپتۇ. قىز بۇنىڭدىن تەئەججۈبلىنىپ: «ئى دادا، سۇ سورىغان مېھمان ئانار شەربىتىگە لايىق بولغانلىقتىن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
قىز يەنە چوڭ بىر ئانارنى سىقىپتۇ. تاۋاق يەنىلا تولماپتۇ. ئۈچىنچى ئارناردىمۇ تاۋاق تولماي ئاران يېرىملىشىپتۇ. موللا سەيپىدىن «قىزىم، ۋاقىت ئۆتمىسۇن» دەپ تاۋاقنى خونچىسىغا ئېلىۋاتقاندا، بۈۋى رابىيە ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ: «دادا، قىسمەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ. تاۋاقنىڭ يېرىملىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ قالسا، شاھزادىنىڭ كۆڭلىگە رەئىنىڭ سېلىقىنى ئاشۇرىدىغان بىرەر خىيال كەچتىمىكىن، شەربەتتىن بەرىكەت قېچىۋتىدۇ، دەڭ» دەپتۇ.
سۇنۇلغان شەربەتنى قولغا ئالغان شاھزادە راست دېگەندەك يېرىملىقنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.
موللا سەيپىدىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە قىزى بۈۋى رابىيەنىڭ پەرىزىنى بايان قىپتۇ، شاھزادە موللا سەيپىدىننىڭ سۆزىدىن كېيىن، تېخى ھېلىلا رەئىگە ئانار سېلىقى سېلىش ھەققىدە كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ توۋا قىپتۇ. ئاڭغىچە داستىخان يېيىلىپ شىكار نېمەتلىرى قويۇلۇپتۇ. موللا سەيپىدىنمۇ باغ مېۋىلىرىدىن كەلتۈرۈپتۇ. ئۇلار ھەمتاۋاق بولۇشۇپ بۈۋى رابىيەگە نېسىۋە سۇنۇلۇپتۇ.
شاھزادە بۈۋى رابىيەنىڭ ئەدەپ - ھاياسى، ئەقىللىقلىقى، بىلىملىكلىكى ۋە گۈزەللىكىگە چوڭقۇر قايىل بولغان ھالدا موللا سەيپىدىن ئاكا بىلەن خوشلىشىپ ھەمراھلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۈۋى رابىيەنىڭ مەھەللىسى «ئويچولپان» دەپ ئاتىلىپتۇ.