مۈشۈك ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە قانداق ماكانلىشىپ قالغان؟
رېۋايەتلەر
بۇرۇن بۇرۇنىسىدا، مۈشۈكنىڭ جۇغى بۈگۈنكىدەك كىچىك بولماستىن خىلىلا چوڭ ياۋايى ھايۋان ئىكەن. مۈشۈكنىڭ يولۋاس، شىر، يىلپىز، تۈلكە قاتارلىق بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇي - پەيلى بىر - بىرىدىن يامان ئىكەن . . . ئانىسىنى بوزەك قىلىپ خارلايدىكەن. مۈشۈك بالىلىرىغا نۇرغۇن نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بالىلىرى ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە ئەدەپ كېتىپتۇ. دەرد - ئەلەمگە چىدىمىغان مۈشۈك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ يىراق - يىراقلارغا كەتمەكچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ئۇزۇن يول بېسىپتۇ. ئاخىر ھېرىپ - چارچاپ، ئورۇقلاپ، ئادەملەر ماكانلاشقان جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئادەملەر مۈشۈكنى كۆرۈپ قوغلىماپتۇ. بىچارە مۈشۈك ئادەملەرگە ئەركىلەپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپتۇ. بىر ئادەم ئۇنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدە چاشقانلار تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەممە نېمىنى غاجىلاپ كىشىنى بىزار قىلىدىكەن. مۈشۈك ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي چاشقانلارغا ئېتىلىپتۇ - دە، بەش - ئالتىسىنى تۇتۇۋېلىپ يەۋېتىپتۇ. چاشقانلارغا تاقابىل كېلەلمەيۋاتقان ئادەملەر مۈشۈكنى ئەتىۋارلاپ بېقىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈكنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرىمۇ ئاۋۋالقى ئاكا - ئاچىلىرىدەك خۇي - پەيلى يامان بولماستىن، جۇغى كىچىك، مۇلايىم بولۇپ ياشاپ كەپتۇ.