توقسۇن
رېۋايەتلەر
نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى يۇرتلاردا قاتتىق يېغىلقلاربولۇپ ئەل - يۇرت خاراب بولۇشقا يۈزلىنىپتۇ. بىر قىسىم كىشىلەر جان ساقلاش ئۈچۈن ئىدىقۇت پادىشاھلىقى تەۋەلىكىدىن پاناھلىق ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار بىرقانچە ۋاقىت يول يۈرۈپ، ئاخىر ئايغىر بۇلاق تېغىدىن ئۆتۈپ، قومۇشلار ئۆسكەن بىر يەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەن يولۇچىلار مۇشۇ جايدا بىر ئاز توختاپ ، ئات - ئۇلاغلىرىنى دەم ئالدۇرۇپ ئاندىن يەنە سەپىرىنى داۋام قىلماق بولۇپ بوپتۇ. لېكىن، قۇمۇشلۇقتىكى سۇ ئاچچىق بولغاچقا ئىچىشكە مۇمكىن بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ ئىزدەپ،ك ئاخىر قومۇشلۇقنىڭ چېتىدىكى كىچىك تۆپىلىكنىڭ يانباغرىدىن سۈيى سۈزۈك بىر بۇلاقنى تېپىپتۇ.
بۇلاقنىڭ ئەتراپىدا يوغان - يوغان قوغۇنلارنىڭ مەي باغلاپ پىشقاننلىقىنى ھەم بۇلاق ئەتراپىدا بىرنەچچە تۈپ قوناقنىڭ پىشپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار سۇنى ئۇچۇملاپ ئىچىپ كۆرسە سۇ تاتلىق ئىكەن. ئەسلىدە بۇ بۇلاق ئۆتكەن - كەچكەنلەر دەم ئېلىپ ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، قوغۇنلار شۇ ئۆتكۈنچى يولۇچىلار يېگەن قوغۇننىڭ ئۇرۇقىدىن، قوناقلار ئۆتكۈنچىلەرنىڭ ئات - ئۇلاغلىرى يېگەن قوناقتىن چېچىلىپ قالغان ئۇرۇقلاردىن ئۈنۈپ قالغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ جايغا يۆتكىلىپ كەپتۇ ۋە ئەتراپنى كۆزىتىپ كۆرۈپ بىنەم ئېچىشقا كىرىشىپتۇ . . .
بىرىنچى يىلىلا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە يەم بوغۇزغا ئېگە بوپتۇ. كېلەر يىلى ئۇلار يەنىمۇ كۆپرەك يەر ئېچىپ ئۇرۇق چېچىپتۇ، بىراق يەر كۆلىمى كېڭەيگەنسېرى سۇ قىسلىقى بىلىنىپتۇ. ئۇلار سۇ ئىزدەپ يۈرۈپ تۇرپان تەرەپكە سوزۇلغان ئېدىرلىقنىڭ تۇمشۇقىدا (ھازىرقى توقسۇننىڭ چوڭياغ دەپ ئاتىلىدىغان جايى ئەتراپىدا) چوڭ بىر ئېقىننىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئېقىۋاتقانلىقنى ۋە بۇ ئېقىن سۇنىڭ ئۆزلىرى تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان يەردىن يىراق ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇلار بىر مەزگىل كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ سۇنى يېڭى چاپقان ئېرىق بىلەن باشلاپ كېلىپ زىرائەتلەرنى قانغۇچە سۇغىرىپتۇ. بىراق، ئىككى كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا سۇنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. بۇ ئىشنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئىككى ئادەم بېرىپتۇ. قارىسا، ئۇلار چاپقان ئېرىقنىڭ ئېغىزى شاخ - شۇمبا، توپا بىلەن ھىم ئېتىۋېتىلگەنىكەن. ئۇلار ئېچىقىنى باشقىدىن ئېچىپ سۇنى باشلاپتۇ.
ئەسلىدە بۇ سۇدىن تۇرپان تەۋەلىكىدىكى يەمشىلىكلەر ( تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسىغا قاراشلىق مەھەللە) زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشتا پايدىلىنىپ كەلگەنىكەن.
باشقا يۇرتتىن كەلگەن بىرمۇنچە ئادەمنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەبلەنگەن يەمشىلىكلەر دەرھال يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ ئېچىق ئاچقان ئادەملەرنى تۇتۇپ، ئىدىقۇت پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ.
ئىدىقۇت پادىشاھى بۇ تۇتۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇلار نېمە گۇناھ بىلەن بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەپسىلىي سوراشتۇرۇپتۇ. تۇتۇپ كېلىنگەنلەر پادىشاھقا ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىرمۇ بىر ئەينەن سۆزلەپتۇ ۋە ئاخىرىدا ئىدىقۇت پادىشاھىدىن ئۆزلىرىگە پاناھلىق بېرىشنى تىلەپتۇ. ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ شۇ زاماندىكى پادىشاھى ئادىللىق بىلەن نام چىقارغانىكەن. ئۇ شۇنداق پەرمان جاكارلاپتۇ:«مېنىڭ زامانەمدە ھەرقانداق پۇقرا باراۋەر، تىنچ - ئامان، ئاسايىشلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە تېگىشلىك، بۇ كىشىلەر يىراق يۇرتتىن تەۋەلىكىمىزگە پاناھلىق ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىزگە ئېغىرچىلىق سالماي، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچلىق قىلىپ كۈن كەچۈرۈپتۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئازراق سۇ بۆلۈپ بېرىلسۇن، پايتەخت تەرەپلەردە ماكانلاشسىمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلار شۇ يەردە ماكانلاشقان بولسا ، شۇ يەردە توقتىسۇن »دەپتۇ.
ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ پەرمانى بويىچە شۇ جايدا داۋاملىق تېرىقچىلىق قىلىپ تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىنچە بىنەملىك كېڭىيىپ بۇ يەر كاتتا يۇرتقا ئايلىنىپتۇ. يۇرتنىڭ نامىمۇ پادىشاھ ئېيتقان سۆز بويىچە «توقتىسۇن» دەپ ئاتىلىپتۇ، كېينچە «ت» ھەرپى چۈشۈپ قېلىپ «توقسۇن » بولۇپ قالغانىكەن.