چامغۇر ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
بۇرۇن بىر دېھقان ئۆتكەنىكەن. ئۇ چەرچەن دەرياسى بويىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىپتۇ. كۈزۈكى بۇغداينى ئورۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېڭىزلىقتا بىر خىل ئوت ئۈنۈپ چىقىپتۇ. دېھقان بۇ ئوتنى كەتمەن بىلەن ئاغدۇرۇپ قارىسا، بۇ ئوتنىڭ يىلتىزى تۇخۇمدەك يۇمىلاق ئىكەن.دېھقان بۇ نېمە بولغىيتتى دەپ تۇرغاندا، دېھقاننىڭ خوتۇنى ئۇنى سۇدا يۇيۇپتىكەن، ئاقىرىپتۇ. دېھقاننىڭ ئوغلى بىر چىشلەم يەپتىكەن، تەمى چۈچۈمە ل تېتىپتۇ . ئوغلى دادىسىغا:
_ بۇ غورىدەك چۈچۈمەل ئىكەن، - دەپتۇ. دېھقان توپا - چالما ئارىسىدىن چىققان بۇ نەرسىنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمەي تۇرغانىكەن، خوتۇنى:
_ چالما غورىسى ئىكەن، - دەپتۇ. ئۇنى يىۋېلىپ، گۆش بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ يەپ كۆرسە، بەك مەززىلىك تېتىپتۇ. بۇ كۆكتات ئاغدۇرۇلغان يەردىكى توپا - چالما ئارىسىدىن چىققان بولغاچقا، كىشىلەر دەسلەپ ئۇنى «چالما غورا»دەپ ئاتاپتۇ. «چالما غورا» دېگەن سۆز كېيىن بارا - بارا ئۆزىگىرىپ، «چامغۇر» بولۇپ قالغانىكەن.