UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتچوقتىرىشىت ۋە نوقتىرىشىت

چوقتىرىشىت ۋە نوقتىرىشىت

رېۋايەتلەر رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، چوقتىرىشىت بىلەن نوقتىرىشىت ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ باش سانغۇنلىرى ئىكەن. ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ئون يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش داۋاملاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭراق بولغان ئۇرۇش توققۇز قېتىمغا يېتىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى تۆت مەيدان چوڭ ئۇرۇشقا چوقتىرىشىت بىلەن نوقتىرىشىت قوماندانلىق قىلغانىكەن. مىلادى 989 - يىلى، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خانى يۈسۈپ قېدىرخان بىر يۈز قىرىق مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەر ئوردا كەنتنى ناھايىتى تېزلىكتە قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلىدۇ. ھازىر قارىقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزىسى تەۋەلىكىدىكى كەپتەرخانا (قومات پاششىم) دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە كەلگەندە چوقتىرىشىت ۋە نوقتىرىشىت قوماندانلىقىدىكى ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن قوشۇنلىرى بىلەن بىر مەيدان دەھشەتلىك جەڭ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ، قاراخانىلار سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئاز بولمىغان چىقىملارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق يۈز قىرىق مىڭ لەشكەرگە ئىگە بۇ قوشۇن يەنىلا ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى يېڭىدۇ ھەمدە ئۇدۇن قوشۇنلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىغىنىچە سۈر - توقاي قىلىپ ئۇدۇل ئۇدۇن سېپىلىغىچە قىستاپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇدۇن پايتەختىنى بېسىۋالىدۇ. چوقتىرىشىت بىلەن نوقتىرىشىت ئامالسىزلىقتىن ئۇرۇشتا ھايات قالغان ئازغىنا ئاقساق - چولاق لەشكەرلىرىنى ۋە بىر قىسىم ئاھالىنى باشلاپ ھازىرقى چىرا ناھىيسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا چېكىنىدۇ. چىرانىڭ تاغلىق رايونلىرىدا، ئۇدۇن قوشۇنلىرى ئىسلام قوشۇنلىرى ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولىدۇ. بۇ كۈن دەل مىلادى 1000 - يىلى 11 - نويابىر ئىدى. ئۇدۇندىكى ئارمىيە - ىەلق چوقتىرىشىت بىلەن نوقتىرىشىتنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا غەلبىلىك جەڭ قىلىپ، ئۇدۇن پايتەختىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە قاراخانىلار سۇلالىسى تولىمۇ ھالسىراپ كەتكەنلىكتىن، بەش يىلغىچە ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتىگە چېقىلىشقا پېتىنالمايدۇ. مىلادى 1006 - يىلى، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خانى يۈسۈپ قېدىرخان ئۆزى شەخسەن قوشۇن باشلاپ ئۇدۇنغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ قېتىم يۈسۈپ قېدىرخان قوشۇنلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ، لەشكەرلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ھەيۋىسى زور بولغاچقا، ھېچقانچە چوڭ ئۇرۇش قىلمايلا ئۇدۇننى مۇددەتلىك ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن نەچچە يۈزلىگەن ئاقساق - چولاق لەشكەرلىرىنى باشلاپ، چىرا تاغلىرىدا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق جەڭ قىلىدۇ. ياز ئۆتۈپ قىش كېلىدۇ. تاغلىق رايوندا قەھرىتان سوغۇق قاندىن ئۆتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، لەشكەرلەرگە ئاش، ئوزۇق، ئات - ئۇلاغلارغا يەم - بوغۇز بارغانسېرى ئاز قالىدۇ. ئاخىر بېرىپ پۈتۈنلەي ئاش، ئوزۇقسىز قالىدۇ. ئۇنى ئاز دەپ قاراخانىلارنىڭ ىانلىق لەشكەلىرى بارغانسېرى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىر چوقتىرىشىت بىلەن نوقتىرىشىت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. پەقەت قېپقالغىنى كېيىنكىلەرگە بۇ ئېچىنىشلىق تارىخنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان، بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان5 ھاشى چوقتىرىشىت قورغىنى بىلەن ھاسا چوقتىرىشىت قورغىنىدىن ئىبارەت ئىككى قەلئەلا بولىدۇ، خالاس. (بۇ ئىككى قەلئە چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقار يېزىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىگە 12.7 كىلومېتىر كېلىدۇ.).
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت