UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتچەرچەن ھەققىدە رېۋايەتلەر

چەرچەن ھەققىدە رېۋايەتلەر

رېۋايەتلەر 1. لەلىك شەھىرى قەدىمكى زامانلاردا لەلىك ناھايىتى كاتتا شەھەر ئىكەن. ئۆي - ئىمارەتلىرىنىڭ زىچ ۋە تولۇقلۇقىدىن بىر خوراز ئۆگىزىگە چىقسا، يەرگە چۈشەلمەي ئۆگىزىمۇ ئۆگزە يۈرۈپ قىرىق كېچە - كۈندۈزدە ئاران يەرگە چۈشەلەيدىكەن. بۇ شەھەردە ئاچ كۆز، پىخسىق بىر پادىشاھ بارئىكەن. ئۇنىڭ خەزىنىسىدە ھەددى - ھېسابسىز ئالتۇن - كۈمۈش، لەئل - ياقۇت بار ئىكەن. ئەمما، ئۇ شۇنچە مال -دۇنياغا قانائەت قىلماي، دائىم دېگۈدەك تاغ تەرەپتە پارقىراپ تۇرغان قارلىق چوققىنى كۆرسىتىپ: «ئاشۇ تاغدەك لەئل - ياقۇتلىرىم بولغان بولسا، مۇرادىمغا يەتكەن بولاتتىم» دەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ يەنە قارلىق تاغقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسا، بىر قەلەندەر ساپايى قېقىپ كىرىپ كەپتۇ، پادىشاھ ئۆزىنىڭ شېرىن خىيالىنى بەربات قىلغان قەلەندەردىن قاتتىن ئاچچىقلىنىپ، مۇلازىملاردىن قەلەندەرگە قېتىپ كەتكەن پۇچۇق ناننى چىقارتىپتۇ. مۇلازىملار قەلەندەرگە قېتىپ كەتكەن بېرىپ، پادىشاھنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ. قەلەندەر پۇچۇق ناننى ئېلىپ:«خۇدايىم، پادىشاھنىڭ كۈتكىنىدەك بولغاي، ئامىن» دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپتۇ - دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ. قەلەندەر غايىب بولۇشى بىلەن جاھان قاراڭغۇلىشىپ، بىر ئازدىن كېيىن تاغ تەرەپ يۇرۇپ، شەھەرگە كەلكۈن يامىراپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەھەر سۇ ئاستىدا قاپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇ يەرگە سىڭىپ، بۇ جايدا قۇم پەيدا بولۇپ، قۇملۇققا ئايلىنىپتۇ. كىشىلەر بۇ جايغا ئوتۇنغا بارىدىكەن. ئوتۇنغا بارغاندا بۇ جايدا نۇرغۇن لەئل - ياقۇت، سەدەپ - مارجانلارنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەئل - ياقۇت تېرىپ قايتىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كونا شەھەرنىڭ ئورنىنى كىشىلەر «لىلىك» دەپ ئاتايدىغان بوپتىكەن. 2. جىنلىق دۆڭ بۇرۇنقى زاماندا تاتىراڭنىڭ (چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى يېزا) ئايىغىدىكى «قوش»دېگەن جايدا، شەھرى مەملىكىتى بىلەن ۋاشار مەملىكىتى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بوپتۇ. جەڭدە گاھىدا قەتران مەملىكىتى، گاھىدا ۋاشار مەملىكىتى غەلىبە قىلىپ، ئىككى دۆلەت كۈچ جەھەتتە تەڭ بولۇپ قاپتۇ. ۋاشار مەملىكتىنىڭ بىر سېھرىگەرى بار ئىكەن. ئۇ ئەپسۇن ئوقۇپ قارا بوران چىقىرىپتۇ. قەتران مەملىكتىنىڭ يەنە بىر سېھرىگەرى بارئىكەن، ئۇ قارشى تەرەپكە ئەپسۇن ئوقۇپ قۇم ياغدۇرۇپتۇ. نەتىجىدە قارا بوران بىلەن قۇم بىرلىشىپ، قۇم يېغىپ بىر كېچىدە قەتران ۋە ۋاشار مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى چېدىر بارگاھلىرى قۇم ئاستىدا قاپتۇ. ھەر ئىككى مەملىكەتنىڭ ئادەملىرى قۇم ئاستىدا قېلىپ ھالاك بوپتۇ. بۇ جايدا ئاسمان - پەلەك قۇم بارخانلىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ كېچىسى بۇ جايدىن قىيا - چىيا ئاۋازلار، ئاتلارنىڭ كىشىنەشلىرى، ھەرخىل ۋاراڭ - چۇرۇڭلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كىشىلەر بۇجاينى «جىنلىق دۆڭ»دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن. 3. تۇرا بۇرۇن ھازىرقى تۇرا دېگەن جايدا ھېچقانداق جانلىق ياشىيالماس ئىكەن. تۇرانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ئۆزتاغدا بىر دىۋە ياشايدىكەن. كۈنپېتىش تەرىپىدىكى قۇرۇم تاغلىرىدا يەنە بىر دىۋە ياشايدىكەن. بۇلار تۆۋەن تەرىپىدىكى ئالتۇنتاغنى تالىشىپ ئۇرۇشىدىكەن. ئۆزتاغدىكى دىۋە «ئالتۇنتاغنى مەن ئالىمەن» دەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن زامانلارغىچە بۇ جايدا ئۇرۇش ۋە قارا بوران ۋەھىمى ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. بوران دەستىدىن بۇ جايدا ھېچقانداق جانلىقنىڭ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماپتۇ، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، بىر دەرۋىش بۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىستىقامەت قىلىشقا مېڭىپتۇ، ئۇ بۇ جايدا توختىماي چىقىۋاتقان قارا بورانغا يولۇقۇپتۇ. دەرۋىش بوراننىڭ ئىككى دىۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېلىۋاتقىنىنى بىلىپ، ئۇلارغا: _ خۇدانىڭ قۇدرىتىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، ئالتۇنتاغنىڭ قايسىڭلارغا تەۋە بولۇشىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. بۇ جاينىڭ ئوت - سۈيى مول ئىكەن. ھەرخىل مەخلۇقاتلار ياشىسۇن، تۇرۇپ كۆپەيسۇن، - دەپ نەسىھەت قىپتۇ. دىۋىلەر دەرۋىشنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماپتۇ. _ بىزدىن باشقا ھېچقانداق جانلىق بۇ جايدا ياشىيالمايدۇ، بىزنىڭ بورانلىرىمىزدا جانلىرىنى ئەپقاچىدۇ، - دەپتۇ بۇ ئىككى دىۋە تەڭلا. دەرۋىش دىۋىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئەپسۇن ئوقۇپ توققۇز تۇلۇم پاشا پەيدا قىپتۇ -دە، بۇ جايغا قويۇپ بېرىپتۇ. دىۋىلەر دەرۋىشنىڭ بۇ قىلىقىدىن كۈلۈپ: _ بىز ھەريوغان تاشلارنى ئۇچۇرتۇپ ،تاغلارنى تۈزلەپ تاشلايمىز، پاشىدەك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق مەخلۇقنى بۇ جايغا قويۇپ بەرگىنى نېمىسى؟ - دېيىشىپتۇ. يەنىمۇ قاتتىقراق بوران چىقىرىپتۇ. بوران يەتتە كېچە - كۈندۈز داۋام قىپتۇ. ئالەم قاراڭغۇلىشىپ، تاغۇ تاشلار ھەر تەرەپكە ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. بوراندىن كېيىن توققۇز تۇلۇم پاشىنىڭ سەككىز تۇلۇمى ئاللىقاچان بوران دەستىدىن تۇرالماي قېچىپ كېتىپتۇ. پەقەت بىر تۇلۇپ پاشا بۇ جايدا تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ بىر تۇلۇم پاشىمۇ غىڭشىپ، دەرۋىشتىن ئۆزلىرى بۇ جايدىن ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشىپتۇ. دەرۋىش پاشىلارغا: _ مۇشۇ جايدا تۇرۇپ قال، - ياشاپ كۆپەيگىن، - دېگەنىكەن، پاشىلار مۇشۇ جايدا تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينىڭ نامى «تۇرا» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئىككى دىۋە دەرۋىشنىڭ ئالدىدا مات بولۇپ، دەرۋىشكە بويسۇنۇپتۇ. دەرۋىش شۇلارنى بىر ئەپسۇن بىلەن بۇلۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. تا ھازىرغىچە بۇ ئىككى دىۋە ئۆزتاغ ۋە قۇرۇم تاغلىرى تەرىپىدىن تۇرا ئاسمىنىغا كېلىپ، ئاسماندا ئۇرۇشىدىكەن. ئۇلار ئۇرۇشقاندا چاقماق چېقىپ يامغۇر ياغىدىكەن. 4. تاتىراڭ بۇرۇنقى زامانلاردا شەھىرى قەتران (تاتىراڭ) زور قارا بوراننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپتۇ. بوران بارا - بارا ئۇلغىيىپ قۇم بورانغا ئايلىنىپتۇ. چەرچەن دەرياسىنى قۇم تىندۇرۇپ تاشلاپتۇ. ئېتىز - ئېرىق، باغۇ - بوستانلارنى قۇم بېسىپ كېتىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ چېتىدە يەتتە ئادەم بار ئىكەن. ئۇلار تېرىقچىلىق بىلەن ياشايدىكەن، قۇم بوران كۈچىيىپ شەھەرنى قۇم بېسىۋاتقان پەيتتە، ئۇلار جىددىي خامان تېپىۋاتقانىكەن. ئۇلار قار بوراندا ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، يەتتە جايغا بېكىتكەن مومىنى چۆگىلەپ خامان تېپىۋېرىپتۇ. تۆت كېچە - كۈندۈز چىققان بوران توختاپتۇ. ئۇلار قارىغۇدەك بولسا، تاتىراڭ شەھرىدىن ئەسەر يوق، كۆز ئالدىدا قۇم بارخانلىرى تۇرغۇدەك. پەقەت يەتتە جايغا قادالغان مومىنى ئايلىنىپ تۇرۇۋاتقان يەتتە ئادەملا ھايات قاپتۇ. كېيىن ئۇلار قۇم ئاستىدا قالغان شەھەردىن كۆچۈپ ھازىرقى تاتىراڭ دېگەن جايغا كەپتۇ. ھازىرقى تاتىراڭلار قۇم بوراندىن ئامان قالغان يەتتە ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىكەن
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت