UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتناغرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە رېۋايەت

ناغرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر قەدىم - قەدىم زامانلاردا، بىر مەمىلىكەتنىڭ سودىگەرلىرى سودا قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ يولى بىر چۆلدىن ئۆتىدىكەن. ئۇلار يول يۈرۈپ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ، چۆللۈكنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بېرىپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يولغا ئالغان سۇلىرى تۈگەپ قاپتۇ. ئۇسسۇزلۇقتىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىر سولىشىپ يېتىپ قېلىشىپتۇ. كۈچ - ماغدۇرىدىن كېتىپ، ماڭغۇدەك ھالى قالماپتۇ. كارۋاندا بىر يىگىت بار ئىكەن، ئۇ ئۆزىنى تۇلۇمىدىكى ئاخىرقى سۈيىنى سەپەردا شلىرىنىڭ ئاغزىغا تېمىتىپتۇ. ئادەملەر بىر ئاز ئەسلىگە كېلىشىپتۇيۇ، ئىسسىقتا چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن يولغا چىقالماپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت ئويلاپ - ئويلاپ بوشاپ قالغان تۇلۇمنى يېرىپ، ھارۋىنىڭ چاقىغا كېرىپ باغلاپ، ئاپتاپقا قارىتىپ قويۇپتۇ. كېيىن ئۇنى داراڭلىتىپ چېلىشقا باشلاپتۇ. ئۆزى ئۇنىڭ ئاۋازىغا مەھلىيا بولۇپ قاتتىقراق داراڭلىتىپتۇ. بارا - بارا ئۇنى شۇنچلىك قاتتىق چېلشىقا باشلاپتۇكى، ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن چۆلنى لەرزىگە كەلتۈرۈپتۇ، غەيرىي تەبىئىي بۇ ئاۋازدىن ئادەملەرمۇ ئۆزلىرىگە كېلىپ، مىرلاشقا باشلاپتۇ. ئۇلاردا كۈچ - قۇ ۋۋەت پەيدا بولۇپتۇ. ئاۋاز قۇم بارغانلىرىدىن قۇم بارخانلىرىغا ئۆتۈپ، تۆپىلىكتىن تۆپىلىككە كۆچۈپ، چۆلنىڭ نېرىقى چېتىدە كېتىۋاتقان باشقا كارۋانلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. كارۋانلار: «كارۋان ھالاكەتكە ئۇچراپتۇ، بولمىسا بۇنداق ئاۋاز چىقارماس ئىدى، ياردەمگە چاقىرىۋاتىدۇ، بېرىش كېرەك» دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇلارغا سۇ بېرىپ پالاكەتكە ئۇچرىغان سودىگەرلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. چۆلدە ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاكەت گىردابىغا چۈشۈپ قالغان سودىگەرلەرنى ساقلاپ قالغان نەرسە ناغرا ئىكەن. ناغرا ئاۋازى ئاڭلاندىمۇ، كىشىلەرنى تېتىكلىك، دادىللىق، جەسۇرلۇق كەيپىياتلىرى ئويغىنىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت