سادىر پالۋاننىڭ ئىبراھىم بىلەن قاسىمنى قۇتقۇزۇشى
رېۋايەتلەر
ئۈچتۇرپاندا ئىبراھىم، قاسىم ئىسىملىك ئىككى ياش بار ئىكەن. ئۇلار پەم - پاراسەتلىك، قاۋۇل، قورقۇمسىز ئىكەن. ئۇلار تەڭلا ياش قۇرامىغا يېتىپتۇ. ئىبراھىم توپاقنى كۆتۈرۈپ «ئىبراھىم توپاق»، قاسىم تۆت ياشلىق قوتازنى كۆتۈرۈپ «قاسىم قوتاز» دەپ ئاتىلىپ، ئەل ئىچىدە داڭقى چىقىپتۇ.
كېيىن ئىبراھىم بىلەن قاسىم ئۈچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، دۈشمەنگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆپنىڭ ئېغىزىدا «باتۇر» ئاتىلىپتۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىبراھىم بىلەن قاسىم تۇتۇپ كېلىنىپ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپتۇ.
ئىبراھىم بىلەن قاسىم ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن ئىلى جاڭجۇنى تەرىپىدىن قارىلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپتۇ.
چېرىكلەر جاللاتلارنى باشلاپ ئىبراھىم بىلەن قاسىمنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا يولدا سادىر كۆرۈپ قاپتۇ. سادىر شۇنداق بىر قاراپلا گۇناھسىزلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ «بۇلار ئالتە شەھەردىن چىققانلار ئىكەن، ئۇلار ياخشى ئادەملەر، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايلى» دەپ ۋارقىراپتۇ ھەمدە ئېرىق بويىغا بېرىپ، تىلىكىگىنىگە ئىككى يىل بولغان كۆچەتنى بىر تارتىپ يولۇۋېلىپ، كۆچەت بىلەن چېرىكلەرنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىپتۇ، ئىبراھىم بىلەن قاسىمنىڭ بوينىدىكى تاقاقنى ئۇرۇپ چېقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. سادىرنىڭ پىداكارلىقىدىن خۇش بولغان ئىبراھىم بىلەن قاسىم:
قېرىندىشىم، ئاتاڭغا رەھمەت، بىز سېنىڭدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى. ناۋادا بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بىزنى ئىزدەپ ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغقا بارغىن، - دەپ تاغقا چىقىپ كېتىپتۇ.