ئىدىقۇت شەھىرى
رېۋايەتلەر
بۇندىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى دىياردا، دەقيانۇس ئىسىملىك بىر پادىچى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن مال - ۋارانلىرى بار بولۇپ، ئۆزى بېقىشقا خۇشتار ئىكەن. بۇ پادىچى خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوي بېقىپ يۈرۈپ بىر پارچە خەت پۈتۈلگەن قەغەزنى تېپىۋاپتۇ. خەتكە شۇنچە سىنچىلاپ قارىغان بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇيالماپتۇ.
ئۇ خەتنى قوينىغا سېلىپ تاغ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ،شۇ دەۋىدىكى مەشھۇر دانىشمەن بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ خەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ.
دانىشمەن بوۋاي شۇنداق قېرى ئىكەنكى، ئۇنىڭ چاچ ساقاللىرى، قاشلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، بەللىرى يادەك ئېگىلگەن، كۆزلىرى قېرىلىقتىن پۈرلىشىپ يۇمۇلغانىكەن.
بوۋاي خەتنى ئالغاندىن كېيىن كۆزىنىڭ چاناقلىرىغا ياغاچنى تىرەك قىلىپ ئۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. دەقىيانۇس بوۋاينىڭ كۈلگىنىگە ئەجەبلىنىپ، كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا :«ئوغلۇم، ساڭا بەخت يار بوپتۇ. خەتتە يېزىلىشىچە، سەن ياشايدىغان ئاشۇ ماكاندىكى يوغان جۈجەمنىڭ ئۆسكەن غولىغا ئۇدۇل تۇرۇپ دەسلەپ شىمالغا 364 چامدام، ئۇندىن كېيىن شەرققە 12 چامدام مېڭىپ شۇ يەرنى كولىساڭ، بىر خەزىنىگە ئېرىشىدىكەنسەن. قېنى بەختىڭنى سىناپ كۆرەرسەن ئوغلۇم!» دەپتۇ. دەقيانۇس بوۋايغا تەزىم بىلەن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ ئەتىسى ئۈچ - تۆت ئاغىنىسىنى چاقىرىپ بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەرنى كولاشقا كىرىشىپتۇ. يەتتە - سەككىزمىڭ مېتىرچە كولىغاندىن كېيىن ئۇلار بىر ھەشەمەتلىك ئالتۇن ئىشىككە دۇچ كەپتۇ.
يەنە بىر ئاز كولىغاندىن كېيىن يوغان بىر تاش چىقىپتۇ. تاشنى قومۇرۇپ تاشلىغانىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدىن پارقىراپ تۇرغان يوغان ئالتۇن ئاچقۇچ چىقىپتۇ.
ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ ئاتنىڭ بېشىدەك يوغانلىقتىكى قۇلۇپقا سالغانىكەن، شۇ ھامان يەتتە قېتىم داراڭلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپتۇ.
ئۇلار قىزىل، يېشىل ، ھالرەڭ. . . ھەرخىل نۇرلار چېچىلىپ تۇرغان ھەشەمەتلىك ساراينى كۆرۈپتۇ. نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ يۇرۇقىدا ئۇلار ھېچىبىر قىنالماستىنلا سارايغا كىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن - كۈمۈش، ياقۇت قاتارلىق مەدەنلەر بىلەن تولغان قىرىق بىر ھۇجرىنى كۆرۈپتۇ.
بۇ ئەھۋالنى بوۋايغا مەلۇم قىپتۇ.
بوۋاي ئۇلارغا ئەھمىيەتلىك مەسلىھەت كېڭەشلەرنى بېرىپتۇ. دەقيانۇس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ئالتۇن - كۈمۈش تېپىۋالغان جايغا ھەشەمەتلىك ئوردا ساپتۇ. شەھەر قۇرۇشقا كىرىشىپتۇ.
دەقيانۇس شۇ شەھەرگە شاھ بوپتۇ. دانىشمەن بوۋاينى ئۆزىنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىرى قىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن دەقيانۇس ئەتراپىتىكى كەڭ زېمىنلارنى ئۆزىگە قارىتىپتۇ. . . . «مەشھۇر ئىدىقۇت دۆلىتى»نى قۇرۇپتۇ. بۇ جاينىڭ نامى شۇنىڭدىن باشلاپ تەرەپ - تەرەپلەرگە تارقىلىشقا باشلاپتۇ.