UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقاپاق سائەت ھەققىدە رېۋايەت

قاپاق سائەت ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئەسلىدە،كۆك تۈرك خانلىق تەۋەلىكىدىكى بىر يېزىدا پالەچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بىر بىمار ياشىغانىكەن. ئۇ ئۆز كېسىلىگە شىپالىق دورا ئىزدەپ بىر تېۋىپنى چاقىرتسا، تېۋىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە بولاق دورا ياساپ بېرىپ: «بىر كېچە - كۈندۈزنى ئون ئىككى ۋاخقا ئايرىپ، ھەر ئىككى ۋاقىتتا بىر قېتىم ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ» دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. بىمار دورىنى تېۋىپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك دەل ۋاقتىدا ئىچىش ئۈچۈن، بىر كېچە، بىر كۈندۈزنى قانداق قىلىپ ئون ئىككى ۋاخقا ئايرىپ ھېسابلاش توغرىسىدا ئۇزاق باش قاتۇرۇپتۇ. بىراق، خىيالىغا ھېچنېمە كەلمەپتۇ. ئۇ ئادەتتە چۈشكىچە ئۆي ئىچىدە ياتىدىكەن، چۈشتىن كېيىن ھويلىسىدىكى كاۋا باراڭلىقىغا چىقىپ ياتىدىكەن. ئۇ ھويلىغا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا بىر سوتكىدىكى ئون ئىككى ۋاخنى قانداق قىلىپ ئايرىش ئۈستىدە ئۇزاق باش قاتۇرۇپتۇ. بىراق، خىيالىغا ھېچنېمە كەلمەپتۇ . تاساددىپىي ھويلىدا دانلاپ يۈرگەن توخۇلار بىر نېمىدىن ئۈكۈپ قاقاقلىغىنىچە كاۋا بارىڭى ئۈستىگە قونۇپتۇ. شۇ ئەسنادا كاۋا بارىڭى ئۈستىدىكى ئۆزى ئۈنۈپ قالغان بىردانە قاپاق بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ بىمارنىڭ ئالدىغا توككىدە چۈشۈپتۇ. بىمار ئۇزاقتىن - ئۇزاققىچە قاپاققا سىنچىلاپ قاراپ، بىر دەمدىن كېيىن ھاياجىنىنى باسالماي: _ تاپتىم، تاپتىم، _ دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىچە، ئىككى تەرىپى ئالمىدەك پۇلتايغان، ئوتتۇرىسى خورازنىڭ بوينىدەك ئىنچىكە بۇ قاپاق ۋاقىت ئۆلچەشكە ئىنتايىن باب كېلىدىغاندەك كۆرۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمار پەم بىلەن قاپاقتىن تۆشۈك ئېچىپ، ئادالاپ ئۇنىڭ ئىچىگە قۇم قاچىلاپ كاۋا بارىڭىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. قاپاقنىڭ بىر تەرىپىدىكى قۇم شىرقىراپ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. قۇم چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قاپاقنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ قاپاقنى بىر كېچە- كۈندۈز دېگۈدەك ئاشۇ ھالەتتە ھەرىكەتلەندۈرگەنىكەن. قۇم ئون ئۈچ قېتىم چۈشۈپتۇ. ئۇ قۇمنى ئون ئۈچكە بۆلۈپ بىر ئۆلۈشنى تۆكۈۋېتىپ قالغان ئون ئىككى ئۆلۈشنى قاپاق ئىچىگە قاچىلاپ يەنە باراڭغا ئېسىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاپاق بىر كېچە - كۈندۈزدە ئىككى قېتىم ئۆرۈلىدىغان بوپتۇ. بۇ خىل ۋاقىت ھېسابلاش بىمانىڭ دورا يېيىشى ئۈچۈن ئىنتايىن باب كەپتۇ. شۇندىن بويان خەلق ئارىسىدا «قاپاق سائەت» بارلىققا كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
قاپاق سائەت ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki