UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئايدىڭكۆل

ئايدىڭكۆل

رېۋايەتلەر 1 بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بىر بوستانلىق يۇرت بولۇپ، بۇ يۇرتتىكى بىر ئۆلىما كىشىنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز شۇنداق ساھىبجامال ئىكەنكى، يۇرت بويىچە ھېچقانداق قىز گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدىكەن. ئۆزى ناھايىتى چېچەن، ھەرقانداق ئىشتا چىۋەر بولۇپ، بۇ يۇرتتىكى ئەقىل - پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن، باتۇر، مەرد بىر يىگىت بىلەن ئاشىق مەشۇق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇلارنى مۇراد مەقسىتىگە يەتكۈزمەكچى بولۇپ، توينى قۇربان ھېيت كۈنى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ھېيت يېقىنلىشىپ توي تەييارلىقى پۈتتۈرگەندە، بىردىنلا ئاسماندا ئاي كۆرۈنمەي، مۇسۇلمانلار ئادەت بويىچە ھېيت نامىزىنى ئۆتىيەلمەپتۇ. ھېيت بولمىغاندىن كېيىن، مەسلىھەت بويىچە توي قىلىشقىمۇ بولماپتۇ. بۇ يۇرتتا تۆت ئەتراپى قويۇق دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلارغا پۈركەنگەن بىر كۆل بولۇپ، كۆلنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيى ھەرقانداق كېسەلگە شىپاھ ئىكەن. ئاشىق - مەشۇقلار ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاشۇ كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ، ئۆزلىرىنىڭ ۋىسال كۈنىنى كۈتۈپ، ئاسماندا ئاينىڭ چىقىشنى تىلەيدىكەن. شۇ تەرىقىدە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇلار ئادىتى بويىچە كۆل بويىدا ئولتۇرسا، بىردىنلا كۆلنىڭ ئىچى، ئاندىن پۈتۈن ئەتراپ يورۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار قارىغۇدەك بولسا، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تولۇن ئاي نۇر چېچىپ تۇرارمىش. ئاينىڭ نۇرى بارغانسېرى پۈتكۈل جاھاننى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرۇتىۋېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ كارامەتنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ، يۇرت ئەھلى خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ. ناغرا - سۇنايلار چېلىنىپتۇ. تاڭ يۇرۇشى بىلەنلا ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ، ئارقىدىن ساما، مەشرەپلەر قىزىپتۇ. يىگىت بىلەن قىزنىڭ تويىمۇ باشلىنىپ كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. بۇ كۆلنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان يېقىن - يىراقتىكى كىشىلەر ئات - ئېشەكلىرىگە مىنىشىپ كېلىپ، كۆلدىكى خاسىيەتلىك زەمزەم سۇنى قاپاق - قاچىلىرىغا ئېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىدىكى كۆلگە قۇيۇپ قويغانىكەن. ئۇ كۆلنىڭ سۈيىمۇ شىپالىق سۇغا ئايلىنىپ، نەچچە يۈز يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەي، سېسىپ قالماي، سۈپسۈزۈك پېتى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ خاسىيەتلىك كۆلنى «ئايدىڭكۆل» دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئايدىڭكۆل | UyghurWiki | UyghurWiki