نۇرئەلانۇرخان
رېۋايەتلەر
نۇرئەلانۇرخان كىچىكىدىنلا ھەزرىتى ئەلى ھەققىدىكى جەڭنامىلارنى ئوقۇشقا بەكمۇ ئامراق ئىكەن. ئۇ ھەزرىتى ئەلى توغرىسىدىكى جەڭنامىلەرنى كۆپ ئوقۇپ، ئۇنىڭ ۋەھپى تەرىپىنى جىق ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەلىگە بولغان ئىخلاسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئۇ ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ھەزرىتى ئەلىنى يادىغا كەلتۈرۈپتۇ ھەمدە: «ئىۋارا خۇدايا، مېنىڭ ۋاقتىمدا شۇنداق بىر زات ئۆتكەن بولسا، مەن شۇ زاتنىڭ جۈپتى بولغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى» دېگەنلەرنى ئويلاپ، خىيال ئىلكىدە ئۇخلاپ قاپتۇ. چۈشىدە ھەزرىتى ئەلىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بۇ چۈشتىن بەكلا سۆيۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بۇ ئىش ئۆز ئائىلىسىگە ئۆچمەس داغ چۈشۈرىدىغان نومۇسلۇق ئىش بولغاچقا، ئاتا - ئانىسىغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەپتۇ. ئويلا - ئويلا، ئويلىغانسېرى قورقۇنچ بېسىپتۇ. ھامىلىنى يوقىتىشقا ھېچبىر ئامال قىلالماپتۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىدا تۇرغاندا، قورساقتىكى ھامىلە خۇددى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىبى مەريەمنىڭ قارنىدا يېتىپ تۇرۇپ قانداق سۆزلىگەن بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەيدىكەن. بۇ ئەھۋال ئوردىدا پىتنە - پاساتنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەب بوپتۇ ۋە كۈنسېرى ئۇلغىيىپ، نۇرئەلانۇرخان ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئانا ئۆز قىزىنىڭ قىلمىشىدىن باشتا غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئارتۇقچە بىر نېمە دېيىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. نۇرئەلانۇرخاننىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەرغەزەپكە كېلىپ، قىزىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. بىراق، ئانىسى ئۇنى قاچۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە ھوشۇر ئېيىنىڭ ئونى - جۈمە كۈنى ئىكەن. نۇرئەلانۇرخان بېشىغا كونا بىر لىچەكنى سېلىپ، تىلەمچى ئايال سۈرىتىدە ياسىنىپ ئۆيىدىن چىقىپتۇ. ئۇ شۇ يۈرگىنىچە ئاتۇش تەۋەسىدىكى بىر يولغا كىرىپتۇ. يول يېرىملاشقاندا نۇرئەلانۇرخان تەۋەللۇت قىپتۇ. بېشىدىكى لىچەكنىڭ يېرىمىنى يىرتىپ، بالىنى يۆگەپتۇ - دە، يول قىرغىقىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر يەرگە بارغاندا يول توسۇلۇپتۇ. ئۇ ئالدىدىكى تاغدىن ئۆتەلمەي، خۇداغا تېۋىنىپ ئىبادەت قىلىۋاتقاندا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىر قولىدا قىلىچ، يەنە بىر قولىدا بوۋاقنى كۆتۈرگەن ھالدا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ نۇرئەلانۇرخاندىن سوراپتۇ:
_ بۇ بالا سېنىڭمۇ؟
نۇرئەلانۇرخان سۇلتان يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال غايىبتىن ئاڭلانغان ئاۋازغا ئاساسەن: «ھەئە، مېنىڭ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
_ دادىسى بارمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ سۇلتان.
_ ھەئە، بار، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ نۇرئەلانۇرخان.
_ كىم؟
_ ھەزرىتى ئەلى كەرىمۇللاھۇ ۋەجھۇھۇ.
_ گۇۋاھ بارمۇ؟
_ بار، ئەبۇنەسىر سامانى بىلەن ئەبۇلپەتتاھ گۇۋاھ بولالايدۇ.
سۇلتان قىزىنى ئېلىپ شەھەرگە يېتىپتۇ. خالايىق يىغىلىپتۇ. بۇ مەيدانغا ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن ئەبۇلپەتتاھمۇ ھازىر بوپتۇ. سۇلتان خالايىق ئالدىدا ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سوراپتۇ:
_ سىز ھەزرىتى ئەلىنى كۆرگەنمۇ؟
ئەبۇ نەسىر سامانى: «ھەئە، ئۇرۇش مەيدانىدا بىللە بولغان» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سۇلتان بالىنى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قولىغا بېرىپتۇ. ئۇ بالىنى كۆرۈپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەلىنىڭ پەرزەنتى، مەندىكى ئامانەتنى ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟» دەپتۇ ۋە كۆپچىلىككە قاراپ: «ئاگاھ ھەم دەنا بولۇڭلاركى، ھەزرىتى رەسۇلىللاھ بىر تال خورمىنى ماڭا ئامانەت بەرگەن. بۇ ئوغۇل دۇنياغا كەلگەندە ئەنە شۇ خورما بىلەن ئېغىزلاندۇرۇشۇمنى ۋە ئىسىم - شەرىپىلىرىنى ئۆزىنىڭ، ئاتىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قويۇشۇمنى ئېيتقان. مەن بۇ خورمىنى ئاغزىمدا ئۈچ يۈز ئوتتۇز يىل ساقلىدىم. ئەمدى ئامانەتنى تاپشۇرىمەن» دەپتۇ - دە، خورمىنى ئېلىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويۇپتۇ. نام - شەرىپىنى «ھەزرىتى مۇھەممەد سەئىد ئېلى ئارسلانخان» دەپ قويۇپتۇ. ئاندىن ھەزرىتى رەسۇلىللاھنىڭ بۇ ئوغۇلنىڭ نام - ئەھۋالى ھەققىدىكى مەكتۇپىنى سۇلتانغا تاپشۇرۇپتۇ. سۇلتان مەكتۇپتىكى بېشارەتكە بىنائەن ئوغۇلنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپتۇ. ئىككى تارغاق ئارىسىدىن نۇر بىلەن يېزىلغان تۆۋەندىكى خەت كۆرۈنۈپتۇ:
ئاناسى نۇرئەلانۇرخان،
ئاتاسى شاھى مەردانىدۇر.
خۇدا يولىدا جان بەرگەن،
شەھىدۇ ئارسلانخاندۇر.
بوۋاسى ئۇۋەيىس ئەۋلىيا،
كەرەملىك شاھى سۇلتاندۇر.
بىلەي دېسەڭ ئاتى ئۇنىڭ،
ساتۇق بۇغرائى خاقاندۇر.
بۇنى ئاڭلاپ جامائەت ھەيران قاپتۇ. سۇلتان خۇرسەن بولۇپ، نەچچە يۈز قوي، كالا، تۆگە سويدۇرۇپ، يۇرتقا كاتتا نەزىر بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۇرت خەلقنىڭ بۇ بالىغا بولغان ئىخلاسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، ئېتىقادى كۈچىيىپتۇ.