قار ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
بەكمۇ قەدىمكى زاماندا، تەڭرى ئىنسانلارنىڭ يېمىكى ئۈچۈن ئۇن ئورنىدا قارنى، ئۇسسۇزلۇقى ئۈچۈن سۇ ئورنىدا يامغۇرنى ئاسماندىن تاشلاپ بېرىدىكەن. شۇندىن كېيىن ئەجرسىز كەلگەن يېمەك - ئىچمەكنىڭ قەدىر - قىممىتى كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلەپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئىسراپخورلۇق ئەۋج ئاپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ئايال چەلپەك بىلەن بالىسىنىڭ چوڭ تەرىتىنى ئېرىتىپ تاشلاپتۇ. تەڭرى بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپ، يامغۇرنى ئادەمسىز تاغقا ياغدۇرۇپ، ئۇننى قارغا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئىنسانلار يېمەكسىز قېلىپ قىيلىنىپتۇ ۋە يېمەك ئىزلەپ قار چۈشكەن يەرنى تاتىلاپتۇ. ئىنسانلارغا يېمەك - ئىچمەكنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەن مۇشۇ پەيتتە يەنە ئاللانىڭ رەھىمى كېلىپ، ئۇلارغا زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن زىرائەت تېرىپ، ئۆز قولى بىلەن پەرۋىش قىلىپ، ئۆزى يىغىپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ غىزالىنىدىغان بوپتۇ.