UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئاشىد ۋە ئاشىد غارى

ئاشىد ۋە ئاشىد غارى

رېۋايەتلەر «تۈركلەرنىڭ ئەجدادى شىمۇشىلى دېڭىز ئىلاھى دېيىلەتتى، ئىلاھ ئاشىد غارىنىڭ غەربىدە تۇرغانىكەن. شىمۇدىمۇ ئىلاھىي كارامەت بار ئىدى. دېڭىز ئىلاھىنىڭ قىز بار بولۇپ ھەر كۈنى كەچتە شىمۇنى ئاق بۇغا بىلەن دېڭىزغا ئېلىپ كىرىدىكەن، ئەتىسى ئېلىپ چىقىدىكەن. بۇ ئىش داۋاملىشىپ توپتوغرا ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن قەبىلىدىكىلەر ئوۋ ئوۋلىماقچى بوپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە، دېڭىز ئىلاھىنىڭ قىزى شىمۇغا جىكىلەپتۇكى: «ئەتە ئوۋ ئوۋلىغان چاغدا سېنىڭ ئەجدادىڭ تۇغۇلغان غاردىن ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ. مۇبادا سېنىڭ ئۈزگەن ئوقيايىڭنىڭ ئوقى ئۇنىڭغا تەگسە، بىز داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرايلى، ناۋادا تەگمەي قالسا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتەيلى.» ئەتىسى ئەتراپ قورشاۋغا ئېلىنىپتۇ، ئەجدادلار تۇغۇلغان غاردىن ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك بۇغا چىققان ھامان شىمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىنى قاتتىق ساقلاشقا بۇيرۇپتۇ، بۇغا سەكرەپ مۇھاسىرىدىن چىقىپ كېتىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ (ئۇ يەردە بىر گۇمانلىق يوچۇق قېپقالغاچقا). شىمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئانى ئاتىماننى تۇتۇپ كېلىپ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ: «ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئادەملىرىنى قۇربانلىق قىلىش كېرەك» دەپتۇ ھەم ئانى قەبىلىسىدىكى بوغۇنلارنى تۇتۇپ قۇربانلىق قىپتۇ. بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركلەر ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا دائىم ئانى قەبىلىسىدىكىلەرنى قۇربانلىق قىلىدىكەن. شىمۇ ئانىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن كەچتە دېڭىزغا كىرىپتۇ. دېڭىز قىز شىمۇغا: «ئادەم ئۆلتۈرۈپسەن، قان ھىدى پۇراۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتەيلى» دەپتۇ
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئاشىد ۋە ئاشىد غارى | UyghurWiki | UyghurWiki