UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۇيغۇر موما

ئۇيغۇر موما

رېۋايەتلەر قەدىمكى چاغلاردا قۇمۇلدا خىسلەتلىك بىر ئايال ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ئۇيغۇر موما دەپ ئاتىشىدىكەن. ئۇيغۇر مومىنىڭ بىر ئادىتى ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە، باش توخۇ چىللاش بىلەن تەڭلا پۈتۈن كوچا - كويلارنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ پاكپاكىز قىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل خالىس ئىشلىرىنى ھېچ كىشى ئۇقمايدىكەن. ھەممە ئادەم قوشنىلىرىمىز قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىشىپ، بىر - بىرىدىن سەھەر تۇرۇپ ھويلا - ئارام، كوچا - كويلارنى سۈپۈرۈشكە تۇتۇنغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇچە، سۈپۈرۈلىدىغان يەر سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىلىدىغان يەرگە سۇ سېپىلىپ بولۇنىدىكەن. يۇرتداشلار ئامال يوق، سەھەر تۇرۇشماپتۇ. تازىلىقمۇ قىلماپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، يۇرت ئاۋۋالقىدەكلا چىنىدەك ئېرىغدىلىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىۋېرىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇيغۇر موما ئۆلۈپ كېتىپتۇ. كىشىەر ئادەتتىكى ئادەمنى دەپنە قىلغانغا ئوخشاش دەپنە قىلىپ، ئىشنى تۈگىتىپتۇ. لېكىن، شۇ كۈندىن باشلاپ، مەھەللىلەرنى تازىلاش ئىشى توختاپ قاپتۇ. يۇرتداشلار شۇنىڭدىن كېيىنلار ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تازىلىق قىلىشتەك ساۋابلىق ئىش قىلىدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىپتۇ، قەبرە بېشىغا چىقىپ دۇئا قىلىپ قايتىپتۇ. كېيىنچە، يۇرتداشلار ھويلا - ئارام، كوچىلارنى سۈپۈرۈپ، خېلى كۈچىسىمۇ ئاۋۋالقىدەك پاكىز بولماپتۇ. يۇرت ئاقساقاللىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپ، شۇنداق خۇلاسە قىلىپتۇكى، ئۇيغۇر موما تازىلىق قىلغان چاغدا مىننەت قىلماي، رازى - رىزالىق بىلەن خالىس ئىش قىلغاچقا، ھويلا - يوللار پاكىز بولغان، بۈگۈنكى كۈندە تازىلىق قىلغانلار دېگەندەك رازى بولماي ئىش قىلان بولغاچقا، قىلغان ئىشى چالا بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مومىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەقىقەتەن خالىس، مىننەتسىز، ساۋابلىق ئىش بولۇپ، ھەممە ئادەمنى رازى قىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. قىز - چوكانلارغا ئۇيغۇر مومىدەك ئايال بولۇش ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلىنىش بىر ئادەتكە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت