UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتارانچى

تارانچى

رېۋايەتلەر مۇنبەت ئىلى زىمىنىنى ئىگىلىۋالغان جۇڭغارلار تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار نەچچە ئون مىڭلىغان چېرىكلىرىنىڭ قورسىقىنى بېقىش ئۈچۈن يەر تېرىغۇچى دېھقانلارغا ھاجىتى چۈشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلار يەرلىك دېھقانلارنى قىرىپ تاشلىغانىدى. نەتىجىدە ئالتە شەھەردىن ئون مىڭلىغان دېھقان مەھبۇسلىرىنى مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا ھەيدەپ كېلىپ، بۇ يەردە يېڭى يەر ئاچقۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلدۇردى. ئەنە شۇ يەر تېرىغۇچىلارنى كەمسىتىپ «تارانچى » دەپ ئاتاشتى. شۇندىن باشلاپ ئىلىدىكى بۇ دېھقانلارنىڭ نامى «تارانچى » بولۇپ قالدى. بۇ سۆز موڭغۇل تىلىدا «يەر تېرىغۇچى » دېگەن مەنىنى بېرەتتى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت