UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئېھرامنىڭ نەسىھىتى

ئېھرامنىڭ نەسىھىتى

رېۋايەتلەر مەھمۇد قەشقەرى كىچىك تۇرۇپلا خۇش چاقچاق، چەبداس، چاققانلىقى، ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل ۋە تىرىشچانلىقى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇراتتى. شاھزادىلەر ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغان ھەربىي ئىلىملەردىن ئات چېپىش، تىغۋازلىق، نەيزىۋازلىق، ئۈمۈدۋازلىق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى؛ دىنىي ئىلىملەردىن ناماز سۈرىلىرى، ھەپتىيەك، قۇرئان، ھەدىس، ئىلمىي شەرىئەتكىچە؛ دۇنياۋى ئىلىملەردىن ئىلمىي ھېساب، ئىلمىي ھەدىس، ئىلمىي ئەبجەد، ئىلمىي تەجۋىت، ئىلمىي سەرب، ئىلمىي نەھۋى، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي نۇجۇم، ئىلمىي تېبابەت، ئىلمىي تەرىقەت، جۇغراپىيە قاتارلىق زامان ئىلمىدىن كامالى ماھارەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىگىلەپتۇ. يېشى ئوتتۇزغا يېقىنلاشقاندا «مەدرىسەئى ساچىيە» دىن ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ قەشقەردىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، ئوپال قىزىل مەسچتتىكى ئوردىسىغا قايتىپتۇ. شاھزادە مەھمۇدنىڭ مەدرىسىنى تۈگىتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شاھى ئېھرام نەچچە توققۇز مال سويۇپ توي ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. دادىسى ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن ئوغلىغا تون - سەرپاي يېپىپتۇ. ئانىسى بۈۋى رابىيە بەخت تىلەپ پېشانىسىدن سۆيۈپتۇ. زىياپەت ئاخىرىدا شاھى ئېھرام نەۋرىسى مەھمۇدنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «كۆپ ئۇستازلار ئۆز ئىلھاملىرىنىڭ نۇرى بىلەن كۆزۈڭنىمۇ، كۆڭلۈڭنىمۇ مۇنەۋۋەر قىلدى. نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ نۇرغۇن سىرى - ھېكمەتلەرنى ئوقۇۋالدىڭ. لېكىن، سەن تېخى ئوقۇمىغان ۋە ئوقۇمىساڭ بولمايدىغان شۇنداق بىر بۈيۈك كىتاب باركى، ئۇ بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىز ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئۇلۇغ خەلقىمىز، بوۋىلىرىمىز «ئۆزىنى بىلمىگەن ئۆزگىنى بىلمەس» دېگەنىكەن. سەن ھەممە قەبىلە، ئۇرۇق - ئايماقلىرىمىز، تاغ - دەريا، ئورمان، يايلاق، ئىكىن - كەنت، شەھەر، قىشلاقلىرىمىزنى ئارىلاپ چىق. ئۇلارنى ئۆگەن ۋە چۈشەن» دەپتۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئىلمىدە راۋاج تېپىپ كامالەتكە يېتىشىنى تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپتۇ. «ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن سادا پۈتۈن ئوردىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپتۇ. مەھمۇد قەشقەرى بوۋىسى شاھى ئېھرامنىڭ تەلىپىنى، دادىسى ھۈسەيىن بىلەن ئانىسى بۈۋى رابىيەنىڭ تىلەكلىرىنى ئىرادە ۋە كۈچ قىلىپ، ئوغۇز، چىگىل، قارلۇق، ياغما، قىپچاق، باسمىل، ياقابۇ، توخسى، ئوغراق، چارۇق، جۇمۇل، قىرغىز قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى، تىلى، تامغا، ئورانلىرى، ئۆرپ - ئادەت، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى، ئىسىملىرى، مۇراسىملىرى، ياشىغان زېمىن، تاغ، دەريا، كۆل يايلاقلار، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئېتنىك، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى، ئىلمىي پەلسەپىۋىي چۈشەنچىلىرى، ناخشا - قوشاق، داستان، ماقال - تەمسىللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلنىپتۇ. مۇشۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن مەھمۇد قەشقەرى ئەرەبلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنشى ۋە تۈركلەرنى چۈشۈنىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقىگە بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىپتىخارىنى ئىپادىلەپ لۇغەتشۇناسلىقنىڭ تېخى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ نادىر مېۋىسى سۈپىتىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق تەڭداشسىز كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىپتۇ. ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەر ۋە سەرسانچىلىقتا ئىگىلىگەن مەلۇمات ۋە ماتېرىياللار بۇ كىتاب ئۈچۈن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئېھرامنىڭ نەسىھىتى | UyghurWiki | UyghurWiki