قىزىل مىڭ ئۆي
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زاماندا كۈسەن پادىشاھىنىڭ خانىشى بىر قىز تۇغۇپتۇ. قىز شۇنداق گۈزەل چوڭ بولۇپتۇكى، ئۇنى بىر كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەس - ھوشىنى يوقىتىدىكەن. قىزنىڭ چېچەنلىكى ۋە گۈزەللىكى توغرىسىدا ئەل - يۇرت ئارىسىدا داستان، قىسسىلەر تۇقۇلۇپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ، ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپتۇ.
ئەنە شۇ چاغدا، خوتەن شاھىنىڭ شاھزادىسى پەرھاتمۇ بۇ قىز توغرىسىدا توقۇلغان قىسسەلەرنى ئاڭلاپ ، ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاشق بىقارار بوپتۇ ۋە خوتەن دىياردىن كۈسەنگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. بۇ چاغدا قىزغا تەرەپ - تەرەپلەردىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. قىزنىڭ دادىسى (پادىشاھ) شۇنداق پەرمان چىقىرىپتۇكى:
_ كىمىكى ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغقا مىڭ ئۆي قېزىپ پۈتتۈرسە، قىزىمنى شۇنىڭغا بېرىمەن.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان شاھزادە، بايۋەچچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېلى چىقىپ، پەرىشان ھالدا قايتىپتۇ. خوتەن شاھزادىسى پەرھات دەشت - باياۋانلارنى كېزىپ، كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، ئاخىر كۈسەنگە يېتىپ كەپتۇ. شېرىننىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرمەكچى بوپتۇ ۋە ئىرادىسىنى ئىشىق ئوتىدا تاۋلاپ، بېلىنى مەھكەم باغلاپ، ئۆز يۇرتىدا ئۆگەنگەن تاشچىلىق ھۈنىرىىنى ئىشقا سېلىپ ئۆي سېلىشقا كىرىشىپتۇ.
شېرىنمۇ پەرھاتنى كۆرۈپلا ئاشىق بوپتۇ ۋە پەرھات ئۆي ياساۋاتقان تاغقا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇزلۇق ۋە تائام ئەكىلىپ بېرىپتۇ. پەرھات جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىر توققۇز يۈز توقسان توققۇز ئۆينى پۈتتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىزلىق ئۆينى ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇ خەۋەر كۇچاغا تارقىلىپتۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان شېرىنگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمىگەن ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىر جادۇگەر موماينى ئەۋەتىپ، پەرھاتقا زەربە بېرىپ جېنىغا قەست قىپتۇ. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا ئەل - يۇرت ئىچىگە تارقاپتۇ. شېرىنمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاشىقىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈگە ۋىدالىشىپتۇ.
بۇ بىرجۈپ ئاشىق مەشۇقنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرگەن تاغمۇ تاقەت قىلالماي ياش تۆكۈپتۇ. تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ تاغنىڭ قايغۇلۇق كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلۈپ، مىڭئۆي جايلاشقان تاغ باغرىنى كۆكەرتىپ، باغۇ بوستانلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.