دانىشمەن ئەلىشىر
رېۋايەتلەر
ئىلگىرى كۈنپېتىشتا خوراسان دېگەن مەملىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھۈسەيىن بايقارا ئاتلىق پادىشاھى بولغانىكەن ئۇ ئەمىر نەۋائى ھەزرەتلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھ دوستى ئەمىر نەۋائى بىلەن بىر قانچە يېقىنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ھىراتنىڭ شىمالىدىكى بىر ئورمانلىققا ئوۋغا چىقىپتۇ. كۈن پېشىن بولغۇچە ھېچبىر ئولجا ئۇچرىماپتۇ. ئۇلار جىلى بولۇپ جىددىيلىشىپتۇ. توغراقلىق، يۇلغۇنلۇقلارغا كۆز تىكىپ ھەر بىر شەپە، ھەربىر تىۋىشقا قۇلاق سېلىشقا باشلاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن «غاق، غاق، غاق» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. «بۇ غازنىڭ ئاۋازىغۇ، مۇشۇ ئەتراپتا كۆل بولسا كېرەك» دەپ ئويلىشىپتۇ. ياشراق بىرى توغراقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قارىغۇدەك بولسا كۆز ئالدىدىكى قويۇق ئۆسكەن توغراقلار ئارىسىدا سۈيى سۈپسۈزۈك زۇمرەتتەك بىر كۆل كۆرۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوۋچىلار كۆل تامان يول ئاپتۇ. كۆل چۆرىسىدە قېلىن كۆك قومۇش ۋە توغراقلار چىرمىشىپ ئۆسكەنلىكتىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەپتۇ. شۇ ئەسنادا، كېلىۋاتقان شەپىدىن ئۈركۈگەن غازلار «غاق، غاق، غاق» دېگىنىچە كۆل ئوتتۇرىسىغا قاراپ ئۈزۈپ بېرىپتۇ ۋە ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئوۋچىلار ئوقيا بىلەن بىر تالاي غازلارنى ئېتىۋاپتۇ ۋە كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ غاز كاۋىپى قىلىپ مەززە قىلىشىپتۇ.
نەۋائى ھەزرەتلىرى شۇ سورۇندا كاۋاپ قىلىنغان غازنىڭ گۆشىگە قاراپ تۇرۇپ، مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇپتۇ:
نەۋائى ئۆتتى يولۇڭدىن پىيادە يارى بىلەن،
ھەرنەكىم بالاغا قالۇر ئۆز ئاغزى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن.
نۆكەرلەر نەۋائىدىن بۇ بېيىتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
نەۋائى ئېيتىپتۇكى:
ئەي يارەنلەر، ئەگەر بۇ غاز ئۆز ئاغزى بىلەن «غاق، غاق، غاق» دېمىگەن بولسا، بىز بۇ يەردە كۆل ۋە غاز بارلىقىنى بىلمەي كېتىپ قالغان بولاتتۇق. ئۆز ئايىغى بىلەن كۆل ئوتتۇرىسىغا ئۈچۈپ بارمىغان بولسا، ئۇنى كۆرمىگەن بولاتتۇق. ئۆز قانىتى بىلەن ئۇچۇپ كۆككە كۆتۈرۈلمىگەن بولسا، بىز ئۇنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرەلمىگەن بولاتتۇق.
«ھەرنەكىم بالاغا قالۇر ئۆز ئاغزى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن» دېگەن شۇ دەپ ئۆزى ئېيتقان يۇقىرىقى بېيىتنىڭ مەنىسىنى يېشىپتۇ.