ئابدۇرېشىدخان
رېۋايەتلەر
ئابدۇرېشىدخان خۇش تەبىئەت، شېرىن سۆزلۈك، شائىر ۋە مەردانە پادىشاھ ئىدى. سۇلتان سەئىدخاندىن كېيىن، ئابدۇرېشىدخاندەك تىرئەنداز (ئوق ئېتىشقا ئۇستا) كىشىنى كۆرمىدىم دەپ، مىرزا ھەيدەر ئالاھىدە تەرىپلەيدۇ. ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئاتقان ئوقى ھەرگىزمۇ ىاتا كەتمەيتتى. مۇزىكا ئىلىملىرىنى ياخشى بىلەتتى، بەلىك مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىپى (ئۇستازى) ئىدى. سۇلتان سەئىدخانننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يىراق - يېقىنغا ئاڭلاندى. چالىش (قارا شەھەر) تۇرپاندىن مەنسۇرخان ئاقسۇغا ئىككى قېتىم ئەسكەر يۈرگۈزدى. بۇ سەۋەبلىك ئابدۇرېشىدخان يەكەندىن ئاقسۇغا باردى. مەنسۇرخان ئابدۇرېشىدخاننىڭ كېلىش خەۋەرىنى ئاڭلاپ ھايال قالماي قايتىپ كەتتى. ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن ئۈچ نەپىرى ئابدۇرېشىدخان ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولدى. توققۇز ئوغلى خاندىن كېيىن قالدى. ئوغۇللىرى ئىچىدە ئابدۇللىتىپ سۇلتان ھەممىدىن چوڭ ئىدى، بۇنى ئاقسۇغا ۋالىي قىلدى. ئۇ قاشاق خانى ھەزەرخاننى باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئولجا - غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ قايتتى. قازاق بىلەن بىر تۈركۈم قىرغىزلار بىرلىشىپ ئارقىدىن باشتۇرۇپ كەلدى. قاراۋۇلدا قويغان بېلىقچى ئايماقنىڭ باشلىقى بۇتەمشىنىڭ خىيانەت قىلىشى بىلەن ھەق نەزەرخان كېچىسى يپشۇرۇن ئۆتۈپ سۇلتان ئابدۇللىتىپ خاننىڭ ئەسكىرىنى باسۇرۇق قىلدى. نەتىجىدە ئابدۇللىتىپ خان شېھىت بولدى.
ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئون ئىككى ئوغلى تۆۋەندىكىلەر ئىدى: 1. ئابدۇللىتىپ سۇلتان، 2 . ئابدۇكېرىم خان، 3 . ئابدۇرېھىم خان (خاننىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولدى)، 4 . سۇلتان ئىبراھىم (مەشھۇر سۇفى سۇلتان)، 5 . مۇھەممەتخان، 6 . ئەبۇسەئىدسۇلتان (بۇ ئالتە نەپەر شاھزادە چۇچۇك خانىمدىن تۇغۇلغانىدى)، 7 . قۇرەيىش سۇلتان، 8 . مۇھەممەت باقى سۇلتان (بۇ شاھ خاننىڭ قىزى خۇپ نىگار خانىمدىن تۇغۇلغانىدى، قالغانلىرىنىڭ ئانىسى مەشھۇر ئەمەس)، 9 . شاھ مۇھەممەت سۇلتان، 10 . ئابدۇللا سۇلتان، 11 . يۇنۇس سۇلتان، 12 . ئابدۇرېھىم خان (تىبەت ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانىدى).
ئابدۇللىتىپ سۇلتان شېھىت بولغاندىن كېيىن ئابدۇكېرىم خاننى ئاقسۇ ئۇچىغا خان قىلىپ تۇرغۇزدى، لېكىن ئابدۇكېرىم خان قوبۇل قىلمىدى، يېڭى ھېسارنى تىلىدى.
ئابدۇرېشىدخان ئەخلاقىي جۈملىسىدىن بولغان خۇسىيەتلىرى: ئابدۇرېشىدخان پاك كۆڭۈللۈك، خۇش قىياپەت، چىرايلىق، خۇشخۇي، مەردانە ئىدى. مىرزا ھەيدەر تارىخىي رەشىدىدە بايان قىلىشىچە: ئۆزبېك ۋە قازاق، چاغىتاي ۋە باشقا مۇڭغۇل ئۇلۇسلىرى ئىچىدە مەرھۇم سۇلتان سەئىدخاندىن كېيىن ئابدۇرېشىدخاندەك ئوقنى ياخشى ئاتار كىشى يوق ئىدى. شۇنىڭدەك ھەربىر ئىشتا تەڭدىشى يوق ئىدى. مۇزىكىدا ئۇستاز ئىدى. جۈملىدىن «ئىشرەت ئەنگىز» (ئىشرەت ئەنگىز _ مۇزىكانت، مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ بولۇپ، ئاندۇرېشىدخانغا تەئەللۇق قىلىپ قويۇلغان.) (خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن بىر مۇقام ئىجاد قىلدى. بۇ مۇقام ئالدىدا بارلىق ئەھلى ساز تەسلىم بولدى. چارتار، دۇتار، ساتار، قالۇن، راۋاب، ئۇد ۋە غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. سۇلتان ئابدۇرېشىدخان ساز چالغاندا ھەرقانداق بى مازاق (زوق - شوقى يوق) كىشى بولسىمۇ تەسىر قىلاتتى ۋە تەسىرلىك ھالەت پەيدا قىلاتتى. ئابدۇرېشىدخان خۇش نەۋس (خەتنى چىرايلىق يازاتتى)، پارس ۋە تۈركىي شېئىرلارنى ئىجاد قىلىشتا كامىل شائىر ئىدى. سۇلتان ئابدۇرېشىدخاننىڭ شېئىرلىرىدىن بۇ يەردە ئۈچ تۈركىي غەزەل، بىر رۇبائىي رەقەم قىلىندى.
پارسچە شېئىردىن پارچە
گەر قەدەترا سەرۋى گۇيەم سەرۋىرارە پىتارنىست
گەر لەبەترا غۇنچە خۋانەم غۇنچە راگوتپارنىست
تەرجىمىسى: (گەر بويۇڭنى سەرۋى دېسەم سەرۋىنىڭ يوق مېڭىشى، گەر لېۋىڭنى غۇنچە دېسەم غۇنچىنىڭ يوق سۆزلىشى.)
تۈركىي شېئىرلىرىدىن رۇبائىي
ئى پەيك سابا مېنىڭ سالامىم يەتكۈر،
يارىمغا نىياز ئىلە سالامىم يەتكۈر،
گەر سۈبھى ۋە شام قېشىمغا يەتسەڭ،
ئەلۋەتتە دۇئايى سۈبھى ۋە شامىم يەتكۈر.
تەرجىمىسى: (ئى سەھەرنىڭ شامىلى، يارىمغا مېنىڭ كۆڭۈلدىكى سىرلىرىمنى يەتكۈزگىنم
يارىمغا مېنىڭ كەمتەرلىكىم بىلەن سالىمىمنى ھەم يەتكۈزگىل،
ئەگەر سەھەر، كەچقۇرۇنلاردا يارىمنىڭ قېشىغا بېرىپ قالساڭ،
مېنىڭ كېچە ۋە سەھەرلەردە يارىمنى يادلىغان نالەلىرىمنى يەتكۈزگىن.)