تۇمارىس
رېۋايەتلەر
كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كۈنچىقىش تەرىپى قۇش ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان بىپايان تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ماسساگىتلارغا تەۋە ئىكەن ... ئىران پادىشاھى كىرۇس ئۇلارنى بېسىۋالماقچى بولۇپ، سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
بۇ چاغدا، ماساگىتلارنىڭ ھۆكۈمدارى قازا قىلىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇمارس ئورنىغا چىقىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانىكەن. كىرۇس تۇمارىسنى ھىيلە بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇمارىسقا ئەلچى ئەۋەتىپ، تۇمارىسنى ئۆزىگە خوتۇن بولۇشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ئەمما تۇمارىس ئۆزىنى ئادەتتىكى شەخس ئەمەس، بەلكى ماسساگىتلارنىڭ خاقانى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كىرۇس تەرەپتىن كەلگەن ھەرقانداق ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. كىرۇس ھىيلە - نەيرەڭنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ، زور قوشۇن بىلەن ئاركىس دەرياسى (ئامۇ دەرياسى) تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، ماسساگىتلار ئېلىگە ھۇجۇم قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ دەريانىڭ بويىغا كۆپلىگەن كېمىلەرنى توپلاپتۇ ھەم دەرياغا كۆۋرۈك سېلىپ، قوشۇنلارنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىپتۇ.
ئەمما، كىرۇس مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقان بىر پەيتىدە، تۇمارىس ئەلچىلەر ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ:
«ئەي مىدىيەلىكلەرنىڭ (بۇ يەردە ئىران كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) پادىشاھى، سەن ئويلاۋاتقان بۇ ئىشلارغا ئالدىرىمىساڭ بولاتتى، چۈنكى سەن بۇ ئىشلاردىن ياخشى ئاقىۋەتكە قالمايدىغانلىقىڭنى بىلەلمەيۋاتىسەن. تىنچ ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئۆز دۆلىتىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلغىن، بىز ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزگە قوي. بىراق، مەن بىلىمەنكى، سەن بۇ سەمىمىي نەسىھىتىمنى ئاڭلاشنى خالىمايسەن. چۈنكى سەن خاتىرجەملىكنى ئەسلا ياقتۇرمايسەن. ئۇنداقتا، سەن ماسساگىتلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى ئويلايدىكەنسەن، كۆۋرۈك سالىمەن دەپ .وشۇقچە ئىش قىلمىغىن. بىزگە ئىلتىماس قىلساڭ، ئاركىس دەرياسىدىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىققا قايتىپ تۇرىمىز. قوشۇنلىرىڭنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئېلىمىزگە كەلگىن. ئەگەر سەن تۇرغان قىرغاققا ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىساڭ، سەنمۇ ئوخشاشلا ئارقىڭغا يېنىپ تۇرغىن.» كىرۇس بۇ تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ پارس سەركەردىلىرىنى يىغىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار قىپتۇ. ھەممەيلەن تۇمارىسنىڭ دەريادىن ئۆتۈپ، پارس زېمىنىدا ئۇرۇش قىلىشىنى ئېيتىپتۇ. پەقەت، كېڭەشكە قاتناشقان لۇدىيەلىك كروئېسۇس بۇ پىكىرگە قوشۇلماي، باشقىچە پىكىر بېرىپ، تۇمارىسنىڭ يېرىدە ئۇرۇشۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.
كىرۇس قارىمۇ قارشى ئىككى تەكلىپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كروئېسۇسنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش قىلىشنى پىلانلاپ، تۇمارىسقا ئۇلارنىڭ چېكىنىپ تۇرۇشىنى، شۇلارنىڭ يېرىدە ئۇرۇشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تۇمارىس ئىلگىرىكى ۋەدە بويىچە چېكىنىپتۇ.
كىرۇس قوشۇنلىرىنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپتۇ. كېيىن كروئېسۇسنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئىش قىپتۇ. قوشۇنلاردىن ئىنتايىن يامان بىر بۆلەك كىشىلەرنى بارگاھتا قالدۇرۇپ، خىللانغان بىر بۆلەك قوشۇننى دەريا بويىغا قايتۇرۇپتۇ. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي، ماسساگىتلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېگۈدەك كىرۇس قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى بىر قىسىم ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ. بۇلار ھالاك بولۇشتىن ئىلگىرى زىياپەت قىلىشىۋاتقانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نازۇ - نېمەت ۋە شارابلارغا داخىل بولۇپ، مەست بولۇپ، ئۇخلاپ قاپتۇ. كىرۇس قوشۇنلىرى دەرھال بۇ يەرگە كېلىپ ماسساگىتلار قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئەسىر قىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ماسساگىتلارنىڭ قوماندانى تۇمارىسنىڭ ئوغلىمۇ بار ئىكەن.
تۇمارىس بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال بىر ئەلچى ئەۋەتىپ، كىرۇسقا مۇنۇلارنى يەتكۈزۈپتۇ: «ئەي قانخور كىرۇس! قىلغان ھەرىكىتىڭدىن پەخىرلەنمىگىن، ئۈزۈمدىن ياسالغان بۇنداق نەرسە، سىلەرنىڭ ئىچكەندىن كېيىن ھالاك قىلىدىغان ھىيلەڭلەردىن ئىبارەت. بۇ ھاراق قورسىقىڭلارغا كىرگەندە بىمەنە، ئىپلاس گەپلىرىڭلار چىقىدۇ. دېمەك، سىلەرنىڭ دەل مۇشۇنداق زەھەرلىك نەرسەڭلار ئوغلۇمنى نابۇت قىلدى، چۈنكى ئۇنى جەڭدە يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئۇرۇشۇپ يەڭمىدىڭلار؟ مۇشۇنداق ئىكەن، ساڭا نىسبەتەن قانداقمۇ شەرەپلىك ئىش بولسۇن. شۇڭا مېنىڭ سەمىمىي مۇراجىئىتىمنى ئاڭلىساڭ ھەمدە ساڭا ئېيتقان ياخشى گەپلىرىمگە ئىشەنسەڭ، ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپ، جازالاشنى كۈتمەيلا تۇپرىقىمىزدىن چىقىپ كەتكىن. سەم ماسساگىتلار قوشۇنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلغان بولساڭمۇ، بۇ ھېچقانچە گەپ ئەمەس. ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ، ماسساگىتلار تەڭرىسى قۇياشقا تايىنىپ، قەسەميات قىلىمەنكى، سېنىڭ قانچىلىك ئاچكۆز، قانخور بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر، مەنمۇ سېنى يەنىلا قان بىلەن سۇغۇرىمەن.»
كىرۇس تۇمارىسنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قىلچىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ، تۇمارىسنىڭ ئوغلى سپارگاپىس ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىبلىسلار چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، كىرۇستىن ئۆزىنى كىشەندىن ئازاد قىلىۋېتىشىنى ئىلتىجا قىپتۇ. تەلىپى كۆرۈلۈپ، كىشەنلار ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. ئەمما، پۇت - قوللىرى بوشىغان ھامان، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ. تۇمارىس ئۆز پىكرىنىڭ قوبۇل كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، پۈتۈن ئېلىدىكى قوشۇنلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، كىرۇس بىلەن جەڭ قىلىشقا كىرىپتۇ. بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن دەھشەتلىك بوپتۇ. ئەسلىدە، دەسلەپ ئۇرۇش باشلانغان چاغدا، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆزئارا ئوقيالىرىدىن توختىماي ئوق ياغدۇرۇشقانىكەن، ئوقلىرى تېزلىكتە تۈگەپ، گىرەلەشمە جەڭ باشلىنىپتۇ. نەيزە، قىلىچ قاتارلىق قوراللار بىلەن ئۇر - چاپقا چۈشۈپتۇ. جەڭ ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان بولسىمۇ، ھېچقايسى تەرەپ چېكىنىشنى ئويلاپ قويماپتۇ. ئەڭ ئاخىرى ماسساگىتلار غەلىبە قىپتۇ. پارس قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يەردە ئۆلۈپتۇ. شۇنداقلا كىرۇس يىگىرمە توققۇز يىل ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىنكى بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. تۇمارىس بىر جامنى قان بىلەن تولدۇرۇپتۇ. ئاندىن، ئۆلۈكلەر ئارىسىدىكى كىرۇسنىڭ جەسىتىنى ئىزدەپ تاپقۇزۇپتۇ. جەسەتنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ، قانلىق جامغا ساپتۇ ھەمدە ئاياغ ئاستى قىلىنغان جەسەتكە قاراپ: «مەن تېخىچە ھايات، شۇنداقلا ئۇرۇشتا سېنى يېڭىپ چىقتىم. بىراق مەككارلىق بىلەن ئوغلۇمنى ھالاك قىلىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغىنىڭ مېنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى. ئەمدى مەن ئاۋۋالقىدەكلا سېنى ھايات دەپ ئويلاپ، سۆزلىرىڭدىن قورقماي، كاللاڭنى قان بىلەن سۇغۇرۇپ، ھۇزۇرلانماقچىمەن.»