ئەبۇ ھەسەن
رېۋايەتلەر
قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئون يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش بولغان. كۆلىمى چوڭ بولغان ئۇرۇش جەمئىي توققۇز قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش بەشىنچى ۋە ئالتىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتۇر.
مىلادى 970 - يىلى ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى نەچچە تۈمەن ئۇزۇن سەپەر قوشۇنى چىقىرىپ، قەشقەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ چاغدا قەشقەر قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولۇپ، نوپۇسى يۈز مىڭغا يېقىنلاشتى.
قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بۈيۈك خانى ئەبۇ ھەسەن ئىلگىرىكى بۈيۈك خان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ جىيەن ئوغلى ئەلى ئارسلانخان جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇدۇن قوشۇنلىرى ھۇجۇمنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالماي، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. .ئەبۇ ھەسەن نەچچە تۈمەن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن قوشۇنلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ زەربە بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ھازىرقى يېڭىسار باھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا كەلگەندە، ئۇدۇن قوشۇنلىرى ئۆزىنى ئوڭشاپ، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن قاراخانىلار قوشۇنلىرىغا ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ زەربە بېرىدۇ ھەمدە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ. قاراخانىلار خانلىق قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئەلى ئارسلانخانمۇ دەل مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.
بۇ دەۋرلەردە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن رايونلار قاراخانىلار سۇلالىسىگە تەۋە بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى ناھايىتى زور ئىدى. گەرچە بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ نەچچە تۈمەن قوشۇنى ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور ئىدى. شۇڭا ئەبۇ ھەسەن ناھايىتى تېزلىكتە يەنە نەچچە تۈمەن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ ياردەمگە ئەۋەتىدۇ ھەمدە ئۆزى شەخسەن قوماندانلىق قىلىپ، ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. ھازىرقى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كۆكيار دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئىككى تەرەپ يەتتە كېچە - كۈندۈز شىددەتلىك جەڭ قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇدۇن قوشۇنلىرىدىن نۇرغۇن لەشكەر قىرىلىپ كېتىدۇ. قاراخانىلار قوشۇنلىرىنىڭ ياردەمچى قىسىملىرىمۇ ئېچىنىشلىق قىرىلىپ كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قاراخانىلار خانلىق قوشۇنلىرىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن بولغان بۇرۇنقى بۈيۈك خان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوسمانمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا يىگىرمە ئالتە يىلغىچە ئۇرۇش بولمايدۇ.
مىلادى 996 - يىلى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەردە قوراللىق قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى قوشۇنلىرى دەرھال نەچچە تۈمەن كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى تەشكىللەپ، قەشقەر شەھىرىنى قورشىۋالىدۇ. ئۇدۇن قوشۇنلىرى شەھەر ئىچىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئوبدان ماسلاشقانلىقتىن بىر ھۇجۇم بىلەنلا قەشقەر شەھىرىنى بويسۇندۇرىدۇ. ئەبۇ ھەسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دەريا ۋادىسىغا چېكىنىپ تۇرۇپ، پەرغانە، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىن ئەسكەر يىغىپ نەچچە تۈمەن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، قەشقەرگە دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ. كۈچلۈك ھۇجۇم ئاستىدا قالغان ئۇدۇن قوشۇنلىرى ئامالسىزلىقتىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە چېكىنىپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ئۇدۇننى مۇستەھكەم ساقلىماقچى بولىدۇ. قاراخانىلار خانلىق قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن قوغلاپ ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىسارنىڭ ئالتۇنلۇق دېگەن يېرىگە كەلگەندە، ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلىدۇ. قاراخانىلار قوشۇنلىرى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئېچىنىشلىق چىقىمغا ئۇچرايدۇ. قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى بۈيۈك خانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تۆتىنچى ئوغلى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم قوماندانى ھۈسەيىنمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەبۇ ھەسەن چىقىمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىغا قارىماي يەنە داۋاملىق قوشۇننى كۆپەيتىپ شەخسەن قوماندانلىق قىلىپ ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. يەكەن ئەتراپىدا يەنە قاتتىق ئۇرىشىدۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى يۈسۈپمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەبۇ ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئاچىسىمۇ مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەبۇ ھەسەننىڭ ئاچىسى ئەلانۇر باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق، ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن ئايال قوماندان ئىكەن. ئۇدۇن قوشۇنلىرى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئوڭشاپ، قوشۇننى كەينىگە ياندۇرۇپ، غەربكە يۈرۈش قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنى يەنە بويسۇندۇرۇپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئالىتىنچى قېتىملىق دەھشەتلىك ئۇرۇشتۇر. ئەبۇ ھەسەن ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا يۈسۈپ قېدىرخان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغ خانى بولىدۇ. يۈسۈپ قېدىرخانمۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دەريا ۋادىسىدا بىر يۈز قىرىق مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن تەشكىللەپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن قەشقەرنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، مىلادى 1006 - يىلى ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى ھاكىمىيىتىنى تارمار قىلىدۇ.