UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتوققۇز ھۇجرا(قەشقەر شەھرىنىڭ شىمالىدىكى چاقماق دەرياسى بويىغا ئويۇلغان بۇددا ئۆڭكۈرىنىڭ نامى)

توققۇز ھۇجرا(قەشقەر شەھرىنىڭ شىمالىدىكى چاقماق دەرياسى بويىغا ئويۇلغان بۇددا ئۆڭكۈرىنىڭ نامى)

رېۋايەتلەر بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا قىزى بولۇپ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ھۆرپەرى ئىكەن. پادىشاھ قىزىغا ناھايىتى ئامراق ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆز ئوردىسىدا ساقلاشقا رايى بارماي، يۇرتنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئېگىز تاغ قاپتىلغا كۆركەم، نەقىشلىك ھۇجرا قازدۇرۇپ، ئۈستىگە گۈزەل باغلارنى بىنا قىلىپ، قىزىنى شۇ ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ ھۇجرىغا قىرىق ۋاخىنىلىق شوتا بىلەن چىققىلى بولىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بەشكېرەم دېگەن يۇرتتىن بىر باققال ئۈزۈم ئېلىپ ھۇجرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە ئۈزۈمدىن بىر ساپاق بېرىشنى تەلەپ قىلغانىكەن، باققال ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپتۇ. ئۈزۈمنىڭ ئارىسىدىن بىر دۆ (ئۆمۈچۈك) چىقىپ، بۇ گۈزەل قىزنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، كۆپ يىغلاپ كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ، ھەسرەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قىزنىڭ نامىغا بۇ جاي «توققۇز ھۇجرا» دەپ ئاتىلىپ مۇقەددەس مىڭئۆيلەر قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت