قاقۇللا
رېۋايەتلەر
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوغۇساق يېزىسىدا «قاقۇللا»دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بولۇپ، ئۇنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا پېشقەدەملەر مۇنداق بىر رېۋايەتنى سۆزلەپ يۈرىشىدۇ:
قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ساۋاب تېپىش ئۈچۈن قۇللارنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىپتۇ ۋە باشقا قۇلدارلارغا ئۆرنەك بولسۇن ئۈچۈن بارلىق ئوردا قۇللىرىنى ئالدىن ئازاد قىپتۇ. بۇلاردىن يۇرت - ماكانى بارلارنى ئۆز جايىغا قايتۇرۇپ، يۇرت ماكانى يوق قۇللارنى يەر - سۇ ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر ئۇلار ئورۇنلاشقان جاينى «قارا قۇللار ماكانى» دەپ ئاتاپتۇ. ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ماكاننىڭ نامى «قاقۇللا»غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ھازىر بۇ كەنت خېلى ئاۋات كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.