UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكالىنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن سېسىق؟

كالىنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن سېسىق؟

رېۋايەتلەر ئۇزاق زامانلاردىن ئىلگىرى، يىراق بىر سۈيى سۈزۈك، ئوت - چۆپ مول، كەڭرى بىر گۈزەل يايلاق بولۇپ، ھايۋانلار بۇ جايدا تىنىچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. گۈزەل ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ھايۋانلار ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ ئۆز ئىقىتىدارىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇشۇپتۇ ھەم يايلاقنىڭ يەر، سۈيىگە بەشقولدەك پىششىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەزەلدىن خالىس مىرابلىق قىلىپ كېلىۋاتقان سۇغۇرنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا بەلگىلەپتۇ. سەھەر قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ مۇسابىقە باشلىنىپتۇ. ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈكلۈكى بىلەن باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان كالا مۇشۇ پۇرسەتتە ئكزىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ ۋە جان تىكىپ يۈگۈرۈپ ئالدىدىكىلەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئىلىپ يېقىتىپ يۈگۈرۈپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئالدىغا ئۆتۈۋالغان كالا باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن خېلى ئارقىدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ھاكارۋۇرلىشىپ، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ ھۆركىرەپ، يەرنى تىلغاپ ئارقىدا كېلىۋاتقانلارغا توپا سورۈپ يۈگۈرۈپ، كۈن چۈش بولغاندا ئاخىرقى نۇقتىسىغا بىرىنچى بولۇپ يېتىپتۇ ۋە سۇغۇر مىرابنى مەنسىتمىگەن ھالدا ھۆركىرەپ تۇرۇپ «ھەي سۇغۇر سېسىق، سۇ قەيەردە؟»دەپتۇ. كالىنىڭ سۆزىنى « ھەي سۇغۇر، سېسىق سۇ قەيەردە؟» دەپ ئاڭلاپ قالغان سۇغۇر كالىنى بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ياغغان يامغۇر سۈيى كۆللىنىپ قېلىپ چىرىپ كەتكەن بىر كۆلچەككە باشلاپتۇ. يېرىم كۈن يۈگۈرۈپ ئۇسساپ كەتكەن كالا تۇمشۇقىنى بىر پاتۇرغىنىچە ئاچبېقىنلىرى كېرىلگۈدەك ئىچىپتۇ. كالىنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى بولۇپ يېتىپ كەلگەن ئات ئۆزىنىڭ مۇلايىم، كىچىك پېئىل تەبىئىتى بويىچە«ھەي سۇغۇر تاتلىق، سۇ قەيەردە؟»دەپ سوراپتۇ. ئاتنىڭ سۆزىنى «ھەي سۇغۇر، تاتلىق سۇ قەيەردە؟»دەپ ئاڭلىغان سۇغۇر ئاتنى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىگە باشلاپ بېرىپ، خىزمىتىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ. ئاتنىڭ سۇنىڭ سۈزۈكىنى تاللاپ ئىچىدىغان ئادىتى شۇنىڭدىن قالغانىكەن. كالا بولسا سېسىق سۇ بولسىمۇ ئىچىۋېرىدىغان ئادەتنى «دوست» تۇتقانلىقتىن، ئۆپكىسى، نەپەس يوللىرى ۋە تۇمشۇقى شۇندىن باشلاپ سېسىق پۇراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كالىنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن سېسىق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki