UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقايان، نوكوز ۋە ئەرگىنەقۇن

قايان، نوكوز ۋە ئەرگىنەقۇن

رېۋايەتلەر «تۇرئىبن فەرىدۇن ئەلخان ئۈستىگە لەشكەر تارتقاندا، موغۇل قوۋملىرىنىڭ ئەلخاندىن خۇشدىل ۋە خۇشخۇي بولغانلىرى دۈشمەنلەر بىلەن مەردانىلەرچە ئېلىشتى. تۈركلەرنىڭ، تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەننى ئارقىغا چېكىندۈردى. شۇ ئەسنادا تۇر ئىبن پەرىدۇن بىلەن شۇنچخان تاتار ھىيلە ئىشلىتىپ قېچىشقا باشلىدى، كېيىن قايتىپ، ئەلخان ئەسكەرلىرىگە ئىككى پەرسەڭ يېقىنلىشىپ توختىدى. ئىككىنچى كۈنى غەپلەتتە قويۇپ، ئەلخان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە يوپۇرۇلۇپ بېسىپ كەلدى. ئەلقىسسە، تەقدىرى قىسمەت بىلەن ئەلخان ۋە موغۇل خەلقى ئۈستىدىن غالىب كەلدى. موغۇل خەلقى يېگەن تۇزلىرىنى ھالاللاش يولىدا شۇ كۈنى شۇ قەدەر جان تىكىپ جەڭ قىلىشتىكى، دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھەممىسى جەي مەيدانىدا قۇربان بولۇشتى. .... قايان ئىبن ئەلخان ۋە ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى نوكۇز، ئىككى ئايال، شۇ ئىككىسىنىڭ ھەمشىرىسىدىن تاشقىرى باشقا بىرەر كىشى بۇ جەڭدە تىرىك قالمىدى. ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە ئوغۇزخاندىن مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن سادىر بولغان. بەزىلەرنىڭ رېۋايەت قىلىشىچە، مەغلۇبىيەت جېڭى پەيتىدە قىرىق نەپەر قىز بىر تەرەپكە، ئوتتۇز نەپەر يىگىت يەنە بىر تەرەپكە قېچىپ كېتىشكەن. ئەنە شۇ قىرىق نەپەر قىز نەسلىدىن قىرىق قىز، ئوتتۇز نەپەر ئوغۇل نەسلىدىن ئوتتۇز ئوغۇز تۆرەلگەنمىش. قايان بىلەن نوكۇز خوتۇنلىرى بىلەن بىللە ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملىرى ئارىسىغا كىرىپ، ئۆلگەن بولۇپ مۆكۈنۈۋالدى، قۇياش پېتىپ، قاش قارايغاندا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئەسىرگە ئېلىنغان ئاتلارغا ئەپلەپ - سەپلەپ مىنىپ يولغا چۈشتى. بىر تاغ باغرىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاشتى. بۇ جاي سۈزۈك بۇلاقلار ئېقىپ تۇرغان دەرەخزارلىق، ئوت - چۆپ بولۇق ئۆسكەن ياپيېشىل يايلاق ئىدى. ئۇلار دەملىرىنى ئېلىپ، تىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە ئەپلىك جاي ئىزدەپ، خۇددى قەلئەگە ئوخشاش بىر ئېگىز تاغنىڭ ئالدىغا كېلىپ قېلىشتى. بۇ تاغنىڭ سىرتى گرانىت تاشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاغنىڭ ئىچى چەكسىز كەتكەن مېۋىزارلىق، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، بولۇق ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ كانى ئىدى. تۈركلەر بۇ تاغنىڭ نامىنى «ئەرگىنە قۇن» دەيتتى. بۇ ئۆتكۈر تاغ قىرلىرى بىلەن ئورالغان تاغ ئۆڭكۈرى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەلقىسسە، ئۇلار كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن بۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ مۇۋاپىق بىر جاينى تاللاپ، دۆڭدىن پەسكە قاراپ دومىلاپ، بۇ جەننەتتەك تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ماكانلىشىپ قالدى. بۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىپ باي بولۇپ، نەسلىمۇ كۆپەيدى. ئۇلار نەسلىدىن ئۇرۇقلار ئۇلغىيىپ قەبىلىگە ئايلاندى. قايان نەسلىدىن كۆپەيگەنلەر قىيات قەبىلىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، نوكۇز نەسلىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن قەبىلىنى دەرلەكىن دەپ ئاتاشتى. قىيات ۋە دەرلەكىن قەبىلىلىرىنىڭ نەسلى كۆپىيىپ «ئەرگىنەقۇن» ماكانىغا سىغماي قالدى. ئۇلار بۇ تاغ جىلغىسىدىن چىقىپ كېتىشكە يول ئىزدىدى. ئۇلار تاغ قاپتىلىنى بۇزۇپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن يول ئىزدىگەندە، قاپتالنى كېسىپ ئۆتكەن «تۆمۈر رۇدىسى تومۇرى» غا كۆزى چۈشتى. ئامال تېپىلدى... ئۇلار ئەنە شۇ تۆمۈر رۇدا تومۇرىنى ئېرىتىپ، ئۇ جايدىن يول ئېچىپ، بۇ جىلغىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. پۈتۈن قوۋم توپلىشىپ مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ناھايىتى نۇرغۇن ئوتۇن ۋە كۆمۈر توپلىدى. بۇ يېقىلغۇلارنى ئۈنۈملۈك ياندۇرۇش ئۈچۈن كېيىك ۋە ئاھۇلار تېرىسىدىن توققۇز يۈز تۆمۈرچى «كۈرىكى» ياسىدى. كېيىن تۆمۈر رۇدىسى تومۇرى ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن يېقىلغۇلارنى توققۇز يۈز ئورۇندىن تۇتاشتۇرۇپ، يالقۇنغا توققۇز يۈز كۈرەك ئارقىلىق دەم بەردى.... بۇ ھەرىكەتنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇپ، قاپتال باغرىدىكى تۆمۈر رۇدىسىنى ئېرىتىپ تاشلاپ، ئاخىر ئۆزلىرى چىقىپ كېتىشكە يول ئاچتى. ئۇلار شۇ يول، ئارقىلىق بۇ تاغ جىلغىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، بۇرۇن ئاتا - بوۋىسى، ئەجدادى ماكانلاشقان بۇرۇنقى ۋەتىنى موغۇل دالاسى (ئورقۇن ۋادىسى) غا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانىغا ئوبدان تۇراقلىشىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى بۇ ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىپ، بۇ جايلارنى ئىگىلىۋالغان تاتار ۋە باشقا قوۋملارنى جەڭ قىلىپ قورال كۈچى بىلەن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆز يەرلىرىنى ئازاد قىلدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىر قىسمى چىن ۋە چىن ماچىنغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، بۇ جايدىن دۈشمەنلىرىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىرتقا ئۆز ۋاقتىدا قېچىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى قايتىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن خۇشال ھالدا جەم بولدى. »
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت