UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتغېجەك ئاستى

غېجەك ئاستى

رېۋايەتلەر بۇرۇنقى ۋاقتىدا، دولانلىقلارنىڭ سائادەت بەگ ئاتلىق بىر ھاكىمى ئۆتكەنىكەن. بۇ ئادەم مۇقامخۇمار ئادەم بولۇپ، بىر كۈنى بىر قانچە ئۈلپەتلىرى بىلەن غېجەك چېلىپ ئولتۇرسا، ئەتراپىتىكى سانىخان ئىسىملىك بىر خوتۇن غېجەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئېگىز بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ. بۇنى كۆرگەن خىزمەتكار سائادەت بەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ۋاي بېگىم، غېجەكلىرىنىڭ ئاۋازىغا سانىخان ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ ،- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ سائادت بەگ غېجەكنى بىر توغراققا ئېسىپ قويۇپ، بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىىسا، سانىخان راستىنلا ئۇسسۇل ئوينىغىلى تۇرغانىكەن. بۇ ۋەقە يۇرت خەلقىگە ئاڭلىنىپ كېتىپتۇ. كېيىنكى زامانلاردا سائادەت بەگ غېجەك ئاسقان جاي «غېجەك ئاستى»، سانىخانغا قارىغان دۆڭ «قارلىغاچدۆڭ»، سانىخان ئۇسسۇل ئوينىغان دۆڭ «سانىدۆڭ» دەپ ئاتىلىپ كەپتۇ. ھازىرغىچە شۇ ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت