UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقالۇق ۋە قاتار قىشلاق

قالۇق ۋە قاتار قىشلاق

رېۋايەتلەر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا «قالۇق»دېگەن بىر كەنت بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت ساقلىنىپ كەلمەكتە: «قالۇق»ئەسلىدە قالۇقلار (قەدىمكى ئۇيغۇرلار قەبىلىسىنىڭ بىرى) ياشايدىغان بىر كاتتا شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسمى قالىق ئىكەن. بۇ يەرنىڭ خەلقلىرى چارۋىدار، پۇلدار، ھۈنەرگە قىزىقىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياۋدىن يېڭىلگەن بىر پادىشاھ قالدۇق خەلىقلىرىنى باشلاپ قارلۇق پادىشاھىدىن پاناھ ۋە ياردەم تەلەپ قىپتۇ. لېكىن، قارلۇق پادىشاھى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى سەرگەردان پادىشاھ مەنچاناق دەيدىغان بىر خىل سىرلىق قۇرالى بىلەن شەھەرگە تاش ئېتىپ بىر پاساتلىق جەڭ بىلەن بۇ شەھەرنى ئاپتۇ. بۇ جەڭدە شەھەر خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلۈپتۇ، ھايات قالغانلىرى «ئامانلا»دەپ ئاتىلىپ بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. يېڭى پادىشاھ تەختكە چىققاندىن كېيىن شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپلا قالماستىن، «ئامانلا» دەپ ئاتالغان قارلۇقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا بىر - بىرىگە تۇتاشقان، قاتار كەتكەن بىر يۈرۈش قىشلاق بىنا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ «قاتار قىشلاق» دەپ ئاتىلىپتۇ. «قارلۇق»ۋە«قاتار قىشلاق»دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
قالۇق ۋە قاتار قىشلاق | UyghurWiki | UyghurWiki