UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكەپتەرنىڭ خۇنى يامانلىق توغرىسىدا رېۋايەت

كەپتەرنىڭ خۇنى يامانلىق توغرىسىدا رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئىلگىرى نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە، پۈتۈن جاھاننى سۇ بېسىپ كېتىپ، پەقەت داۋۇت پەيغەمبەرلا كېمىسى بىلەن سۇ ئۈستىدە قاپتۇ. داۋۇت ئەلەيھسسالام ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سۇ ئۈستىدە يۈرۈپ، ئاخىر بىرەر قۇرۇق يەر تېپىپ تېرىقچلىق قىلماقچى بولۇپتۇ ۋە كەلتەرلەر بىلەن قاغىنى تېرىقچىلىق قىلغۇدەك قۇرۇق يەر بار - يوقلۇقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇ يەريۈزىگە سىڭىپ كېتىپتۇ، قاغا شۇ ماڭغىنىچە بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپلا بىر ئەخلەتلىككە چۈشۈپ شەخسىي تىرىكچىلىككە بېرىلىپ كېتىپتۇ. كەپتەر بولسا كېچە - كۈندۈزجاپا چېكىپ، جاھاننى بىر چۆرگىلەپ چىقىپ، ئاخىر بىر سېرىق تۇپراقلىق يەرنى تېپىپ يەرگە چۈشۈپ كۆرۈپتۇ. كەپتەر يەرگە چۈشۈشى بىلەن ئىككى پۇتى سېرىق تۇپراققا پېتىپ قاپتۇ ۋە ئۇ يەردىن ئۇچۇپ داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېيتىپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن كەپتەرنىڭ ئىككى پۇتى سېرىق بولۇپ قالغانىكەن. قاغا بولسا ئۆزىنىڭ غېمى بىلەن قايتىپ كەلمەپتۇ. داۋۇت پەيغەمبەر كەپتەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنى يەتمەسلىكى، قورسىقى توق تۇرۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن دۇئا قىپتۇ؛ قاغىنى بولسا پوق چوقۇلاپ يەپ كۈن كەچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا قارغاپتۇ. شۇندىن كېيىن كەپتەر ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ خۇداغا زىكرى قىلىپ، تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈپتۇ. قاغا قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا روھىنى تىيىنىتىپ تاغمۇ تاغ يۈرۈپ، ئىنتايىن خارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ ۋە ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، شۈكرى ئېيتماي پوق چوقۇپ يۈرگەنلىكتىن ئۇنىڭ گۆشىنى ئىتمۇ يېمەيدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كەپتەرنىڭ خۇنى يامانلىق توغرىسىدا رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki