UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتغازىباي

غازىباي

رېۋايەتلەر تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يونانلىق ئالىم ئەپلاتون ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ - دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان؛ غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە - چېۋىلەرنىڭ يەرلەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقى، بىنەپشە، ئارپىبەدىيان، سىنا، يۇمغاقسۈت، ئوغرىتىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت - چۆپ دورىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىنلار ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتوننىڭ ھەرخىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتون بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسىلا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم - پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى قىرىق ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتوننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتون بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە - كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تېببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىر باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيەلۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيەلۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا ئەپلاتون غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ھەيۋەت - گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر قوشۇپ ئەۋەتكەن. بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كېرىيە، خوتەن، قارىقاش، گۇما شەھەرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان، يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كېرىيىنى سىھراب، خوتەننى زىھراب، قاراقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يونانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. خوتەن (زىھراب) خوتەن دىيارىدىكى مەركىزىي شەھەر بولغان خوتەن خەلقى ۋە ھۈنەرۋەنلەر بارىي ۋە ئەنفىيەلۇس خانىم ئۈچۈن يۈز خانىلىق توققۇز قەۋەتلىك مۇنار ئوردا سالغان. بۇ بىنا بىر مىڭ ئىككى يۈز يىلدەك خراب بولماي سالامەت تۇرغان، «ئوردا ئالدى بازار» دەپ چوڭ رەستە ياساپ ئاۋاتلاشتۇرۇلغان. خوتەن دىيارى ئاۋاتلىشىپ ئون يىلدىن كېيىن بارىي خان بولغان. خوتەن دىيارىدىكى بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى بويىچە نەچچە يۈز يىللار يۇنانچە ئاتىلىپ كېيىن ئۇدۇن قاتارلىق نەچچە خىل نامغا، ئەرەب، پارس مەدەنىيىتى تەسىرىدىن كېيىن خوتەن دېگەن نامغا ئۆزگەرگەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت