يەكەن مەلىكىسى
رېۋايەتلەر
«زوبدىتىل ئەخبار» دا مۇنداق دېيىلگەن: ئىسكەندەرنىڭ ئەسكەرلىرى يەكەن تەۋەسىگە كىرگەندە، چارلىغۇچىلار يەكەن ىانلىقىغا مەلۇم قىلىدۇ. خان سۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قىلىچ بىلەن قوراللانغانلىقىنى، مىڭدىن - مىڭدىن بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئۇقىدۇ. خان ئۆزىنىڭ قىزىنى نەيزە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئاتلىق ئەسكەرلەرگە باش قىلىپ، ئىسكەندەرنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىرىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىپ، بىردىن پالۋان ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر - بىرىنى ئۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەكەن مەلىكىسى شۇنداق دەيدۇ: «سەن شۇنچە يىراق يەردىن بىزگە باستۇرۇپ كەپسەن، شۇڭا ئاۋۋال سەن ئات!» ئىسكەندەر ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم نەيزە ئۇرۇپ تەگكۈزەلمەپتۇ. نۆۋەت يەكەن مەلىكىسىگە كەلگەندە ئۇ بىر نەيزە بىلەن ئىسكەندەرنىڭ چېكىسىنى تېشىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەكەن خانىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىسكەندەر ئەسكەرلىرىنى مىڭدىن - مىڭدىن يوقىتىپتۇ. قان دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ.
ئىسكەندەر نۇرغۇن جايلارنى بېسىۋېلىش جەريانىدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئولجا ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرنىڭ قورال - ياراغ دەستىلىرى، كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈگمىلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ئالتۇندىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئىچىدە قالغانىكەن. شۇڭا بۇ تارىختا «ئالتۇن قان دېڭىز» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن.